ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئۆچمەنلىك كۆرۈنۈشلىرى
1. قېرىنداشلار ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا كىچىك بىر مەسىلە ياكى ئادەتتىكى بىر ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرسە، ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئورنىغا ئېكرانغا چىقىپ، ياكى ۋاتىساپقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ۋە كىچىك مەسىلىنى چوڭايتىش ئارقىلىق بىر- بىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش.
2. بەزى سورۇنلاردا دېيىلگەن بىر مەسىلىنى تولۇق ئاڭلاپ تەھلىل قىلماي، بەزى سۆزلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپ، مەقسەت قىلىنمىغان مەزمۇنلارنى پەيدا قىلىپ باشقىلارنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش.
3. ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ئەڭ پايدىلىق دەپ قاراش، باشقىلارنىڭ پائالىيىتىنى پايدىسىز دەپ ئەيىبلەش ئارقىلىق ئادەم توپلاشقا ئۇرۇنۇش.
4. بىرسىگە نەسىھەت قىلىش توغرا كەلسە، خاتالىقىنى ئايرىم سورۇندا چىرايلىق تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا جاكارلاپ قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇش.
5. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالسا، چىرايلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ياراشتۇرۇپ قويۇش ئورنىغا، ئىككى تەرەپنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىپ ۋەتەن- مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلىش.
6. بىر پىكىرنى ياكى بىر خاتا ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، تۈزىتىش نىيىتىدە ئىلمىي ئىجابىي تەنقىد قىلماستىن ھاقارەتلەش ئارقىلىق ئازار بېرىش ۋە ئۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە شەك پەيدا قىلىش.
7. بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ پىرىنسىپال مەسىلە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان تېمىلارنى بازارغا سېلىپ جېدەل پەيدا قىلىشى.
8. ئەقىدە، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ پىرىنسىپال مەنپەئەتىنى ئويلىماي سۇخەنچىلىك قىلىش، ئىچى يامانلىق قىلىش، ھەسەتخورلۇق قىلىش ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش ئىللەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى.
9. بىرەر كىشىنىڭ، ياكى بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە ياقمىغانلىقى، ياكى بىرلىرىنى ياقتۇرمىغانلىقى… سەۋەبلىك يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەر ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۇلغايتماقتا ۋە قېرىنداشلىققا زىيان يەتكۈزمەكتە.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بۇ روھ سىلەرگە نەدىن كەلدى!
مۇسۇلماننىڭ قەدىر- قىممەت ئۆلچىمى
ئاجىزلىقىمىز ۋە سەۋەب- چارە ئىزدەش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە