ئىسلام دىنى ئىلاھىي كۆرسەتمە بولۇپ، ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ھەم قىيامەتكە قەدەر ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ خاتالاشمايدۇ.
ئەمما دىندارلىق ئىنساننىڭ دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بولۇپ، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارىتا توغرا يولدا مېڭىش، توغرا يولغا يېقىنلىشىش، ياكى يىراقلىشىش، ياكى خاتالىشىش ئېھتىماللىقىغا ئىگە.
دېمەك، دىن بىلەن دىندارلىق ئارىسىدا پەرق بولۇپ، ئىككىسى ئايرىم نەرسىدۇر.
خاتالىق يۈز بەرگەن بولسا ئىسلامدا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا قارىتا چۈشەنچىسىدە ۋە پوزىتسىيەسىدە يۈز بەرگەن بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بۆلۈنۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ چارىسى نېمە؟
مەنىۋى كېسەللەرنىڭ خەتىرى ئېغىر
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ مۇھىملىقى