ئېلىشنى بىلىپ، بىرىشنى بىلمەسلىك
1. باشقىلاردىن ھېسداشلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، نۆۋىتى كەلگەندە باشقىلارغا ئەڭ ئاددىي مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتى بولغان دۇئا قىلىش، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدا بولۇش ۋە ئاز- تولا ماددىي ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسداشلىق قىلماسلىق،
2. باشقىلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇغىلى ئۇنىمىدى دەپ قاقشاش، ئەمما باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە مۈشكۈللىرىنى بىلمەسلىك،
3. ئۆزىنى ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مەھكۇم مىللەت دەپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەتنى مەزلۇم مىللەت دەپ قارىماستىن، زالىم دەپ قاراش.
4. ئۆزىنىڭ كۈرىشىنى ھەقلىق كۈرەش دەپ قاراپ، ئۆزىگە ئوخشاش ۋەتىنىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتكە تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈش.
5. بىزگە ئوخشاش تەقدىرداش مىللەتلەرنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىبرەت ئېلىش ئورنىغا، باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ ئۇلارنى جىنايەتچى دەپ قاراش.
6. پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلىرىمىز بىلەن سىياسىي كۈرەش مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭ تۇتۇپ ماڭايلى دېگۈچىلەرنى ئەرەبپەرەس دەپ ئەيىبلەش… قاتارلىقلار پىرىنسىپسىزلىقتۇر، ئەخلاقسىزلىقتۇر، ۋىجدانسىزلىقتۇر ۋە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2023. نۇيابىر، 7 – كۈنى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بۇ روھ سىلەرگە نەدىن كەلدى!
مۇسۇلماننىڭ قەدىر- قىممەت ئۆلچىمى
ئاجىزلىقىمىز ۋە سەۋەب- چارە ئىزدەش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە