بالام، دۆلەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
بىز ئۇيغۇر مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇسۇلمان مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، ئەقىدىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، قىممەت قاراشلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى، نېمە ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.
بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئەجدادلىرى قۇرۇپ چىققان ئىككى قېتىم قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنى خاتىرلەيدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنى كىملەرنىڭ قۇرغانلىقىنى، قانداق قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىسمىنى، بايرىقىنى، دۆلەت گىرىبىنى، دۆلەت مارىشىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى بالىلىرىمىزغا ئاڭلىتىشىمىز مەجبۇرىيەتتۇر.
دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلاردەك ھۆر ۋە ئەركىن ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بالىلارنىڭ قايسى كەسىپلەردە نېمىلەرنى ئۆگىنىش لازىملىقىنى، مىللەت پەرزەنتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈستىمىزدە ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتكە قانداق مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى… بالىلارغا بىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىشىمىز لازىم.
بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندىن بەكرەك، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىككى قېتىملىق دۆلىتىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنى يېڭىدىن دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرقايسى ساھەلەردە بەك ياخشى ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ بۇ كۈندە ئالاھىدە تەبرىكلەش لازىم.
قەدىرلىك بالىلىرىم، ئەجدادلىرىمىز قۇرغان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق دۆلەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
بالام، بۇ دۆلەتنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، ساغلام ئىدىيەلىك، ئاڭلىق ۋە ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.