2025-يىل 14-يانۋار

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بۆلۈنۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ چارىسى نېمە؟

بۆلۈنۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ چارىسى نېمە؟

مىللەت ھىدايەت مەنبەسى بولغان قۇرئان- سۈننەتتىن يىراقلاشقاندا، ياكى ئىلاھىي ۋەھىيىدىن ئىبارەت ھىدايەت مەنبەسىنى خاتا چۈشىنىۋالغاندا، ئېزىپ كېتىدۇ، توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ، ئىدىيەسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، قەلبى باغرى تاش بولۇپ كېتىدۇ، دىللار بىر-بىرىدىن قاچىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق رىشتىلىرى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش روھىي يوقاپ كېتىدۇ، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت كۈچىيىدۇ، قەلبلەر بىر-بىرىنى تونۇماس بولۇپ كېتىدۇ.

مىللەت كىملىكى ۋە ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرىدىن يىراقلىشىپ بۆلۈنۈپ، پارچىلىنىپ، تار دائىرىدە گۇرۇھلىشىپ كەتسە، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ۋە ئادالەت كۈرەشلىرى ئارقىغا چېكىنىدۇ، ۋەتەن- مىللەتنىڭ كۈرىشى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلىدۇ.

 مىللەت كىملىك، قىممەت قاراش ۋە ئاساسلىرىدىن پىرىنسىپلىرىدا بۆلۈنۈپ كەتسە دۆلەت بولۇپ قالسا يىقىلىدۇ، ھۆرلۈك قولدىن كېتىدۇ، كىملىك ۋە قىممەت قاراشلار بۇزۇلىدۇ، مەدەنىيەت ۋەيران بولىدۇ، دۈشمەن كۈچىيىپ كېتىدۇ، پايدا دۈشمەنگە بولىدۇ. دۆلەت قولدىن كېتىپ مەھكۇملۇق ۋە مۇستەملىكە دەۋر سۈرۈۋاتقان بولسا ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، ئادالەت، ئىنسان ھوقۇقى ۋە ئادىمىيلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئىجتىمائىي پاجىئە بولۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىسى بويىچە مەغلۇبىيەتنىڭ يولىدۇر. ئاجىزلىقنىڭ، خورلۇقنىڭ، ھالاكەتنىڭ ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

يۇقىرىقى بۇ ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەمدە ئىناقلىقنى كۈچلەندۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرەپكە قايتىش، ئاللاھقا يالۋۇرۇش؛ شۇنىڭدەك ئۆزئارا ئۆچمەنلىك، ھەسەت ۋە نەپرەت سەۋەبلىرىدىن ساقلىنىش ھەمدە ئۇنىڭ مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئاللاھقا يېلىنىش ۋە قەلبنى پاكلاش لازىم.

چۈنكى قەلبلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئىلاھىي ئىشتۇر ۋە ئىلاھىي تەدبىردۇر. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتسەڭ، ئۇنى قىلالمايسەن. ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ بىرلەشتۈرىدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر زاتتۇر» دەيدۇ (ئەنفال سۈرىسى، 62- 63 – ئايەتلەر).

قەلبلەر بىر-بىرىنى ئىنكار قىلغاندا، كۆڭۈللەر بىر-بىرىنى ياقتۇرمىغاندا ئاللاھقا قايتىش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە قەلبنى مەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلاش لازىم. چۈنكى ئاللاھ قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زاتتۇر. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات قەلبىمنى دىنلىرىدا مۇستەھكەم قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلاتتى.

دېمەك، پەقەتلا ئاللاھ قەلبلەرنى ئىماندا، سۆيگۈ- مۇھەببەتتە، دوستلۇقتا ۋە تەقۋالىقتا مۇستەھكەم قىلالايدۇ. ئاللاھ تەرەپكە قايتىش، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تۈزىتىش مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر، بىر-بىرىگە ئىگە چىقىش ۋە قېرىنداشلىق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ تۈۋرۈكىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

20.11.2024- كۈنى