توغرا پىكىرنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن
1. بىر پىكىرنى ياكى بىر ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، ئۆچمەنلىكتىن ياكى دۈشمەنلىكتىن ساقلىنىش لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئۆچمەنلىك ياكى دۈشمەنلىك قىلىش ئادالەتتىن چەتنەشكە ئېلىپ بارىدۇ.
2. بىر پىكىرنى ياكى بىر ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، ئىنسابتىن چەتنىمەسلىك ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر، چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى يوققا چىقىرىش ئىنسابسىز ھۆكۈم چىقىرىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
3. بىر پىكىرنى ياكى بىر ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، ئومۇملاشتۇرۇپ تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، چۈنكى ئومۇملاشتۇرۇپ تەنقىد قىلىش ئىنسابسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
4. بىر پىكىرنى ياكى بىر ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان تىل ھاقارەتتىن ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىش مۇھىم. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ تەنقىد قاتارىغا كىرمەيدۇ، بەلكى زۇلۇم قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.
5. بىر پىكىرنى ياكى بىر ئىشنى تەنقىد قىلغاندا، تىل ھاقارەت قىلىش ياكى پىكىرنى ئەمەس شەخسنى نىشانغا ئېلىش ئاداۋەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەم توغرا پىكىرنىڭ قىممىتىنى يوقىتىۋېتىدۇ.
6. ياخشى پىكىرنى بازارغا سېلىش ياكى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن باشقا پىكىردىكى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئەخلاقسىزلىقتۇر ۋە ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ياخشى پىكىرنى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلماستىن گۈزەل ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويغاندا، ياخشى پىكىر تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ ۋە قارشى تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىشقا ئېرىشىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بۇ روھ سىلەرگە نەدىن كەلدى!
مۇسۇلماننىڭ قەدىر- قىممەت ئۆلچىمى
ئاجىزلىقىمىز ۋە سەۋەب- چارە ئىزدەش ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە