ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئەھمىيىتى
«ئۇسۇلۇلفىقھ» (أصول الفقه) ئاتالغۇسى ئەرەب تىلىدىكى «ئۇسۇل» (أصول) ۋە «فىقھ» (الْفِقْهِ) دېگەن ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ، «ئۇسۇل» ئەرەبچىدە «ئەسل» (أصل) كەلىمىسىنىڭ بىرلىك شەكلىدۇر. بۇ كەلىمە سۆزلۈكتە ئۈستقۇرۇلمىلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان «ئۇل، ئاساس» دېگەن مەنىدە. «فىقھ» كەلىمىسى سۆزلۈكتە «چۈشىنىش، بىلىش» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستېمالىدا «ناماز، زاكات، روزا، ھەج، نىكاھ، تالاق، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق…» دېگەندەك، شەرىئەت نۇقتىسىدىن بالاغەتكە يەتكەن، ئاقىل ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر (مۇكەللەفلەر) نىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ شەرئىي ھۆكۈملىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشكە خاسلاشقان.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇسۇلۇلفىقھنى «شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىشنىڭ مېتودى» دېيىشكە بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى «ئۇسۇلۇلفىقھ» ئاتالغۇسىغا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «مۇكەللەفلەرنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەپسىلىي دەلىللىرىنى بىلىشكە ۋاسىتە بولىدىغان قائىدە – پىرىنسىپلارنى بىلىش». فىقھىشۇناسلارنىڭ بۇ ئاتالغۇغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلاسسىك ئىسلامىي ئىلىملەر مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
- بۇ ئىلىمگە ئۇل سالغان ۋە ئۇنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان دەسلەپكى كىشىلەر دەل فىقھىشۇناسلاردۇر.
- فىقھىي مەسىلىلەر تۈرلىرى كۆپ، ھەمىشە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىجتىھاد ۋە ئىستىنبات (ھۆكۈم چىقىرىش) قا بەكرەك ئېھتىياجلىق.
ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى فىقھىي ھۆكۈملەرنى بىلىشكە ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىلغان بولسىمۇ، بۇ ئىلىمنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ فىقھىدىن كەڭ ھەم ئومۇمىي مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. - بۇ ئىلىم − قۇرئان، سۈننەت ۋە ئۇلاردىن شاخلاپ چىققان قانۇنچىلىق (تەشرىيئ) مەنبەسى قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەنبەلەر فىقھ ئىلمىگىلا خاس ئەمەس.
- بۇ ئىلىم ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش ۋە دەلىللەردىن ھۆكۈم ئېلىشنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ قائىدىلەرمۇ پەقەت فىقھ ئىلمىگىلا خاس ئەمەس، بەلكى باشقا ئىلىملەردىمۇ مەزكۇر قائىدىلەرنى قوللىنىش مۇمكىن.
- شەرىئەت ئىلىملىرىگە مەنسۇپ ھەرقانداق ئىلىمدە دەلىللەر ئارىسىدا زىتلىق كۆرۈلگەندە، مەزكۇر دەلىللەر ئارىسىدىن بىرىنى تەرجىھ قىلىش (تاللاپ ئېلىش) ئۈچۈن دەلىلنىڭ مەرتىۋىسىنى ۋە دالالەتنىڭ تۈرلىرىنى بىلىش كېرەككى، بۇلار ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدۇر.
ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنىڭ پايدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ساھەدە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى «مۆتىۋەر دەلىللەردىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تونۇشقا ۋاسىتە بولىدىغان قائىدە – پىرىنسىپلارنى بىلىش» دېگەن مەنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. چۈنكى، ئاللاھنىڭ فىقھتىكى ھۆكمىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ بەلگىلىك قائىدە – پىرىنسىپلىرى بولغاندەك، ئەقىدە ۋە ئەخلاقتىكى ھۆكمىنى بىلىشنىڭمۇ مەلۇم قائىدە – پىرىنسىپلىرى بار. كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، تەربىيەۋى ۋە ئىسلامىي تۈس ئالغان ھەرقانداق مەسىلىدىكى مۇھاكىمە ۋە تەپەككۇرمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق بۇ قائىدە – پىرىنسىپلاردىن بىھاجەت ئەمەس. مانا بۇ مەنە «فىقھ» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى، شەرىئەتتىكى ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىستېمالىدىكى مەنىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق» . بۇ ئايەتتىكى «فىقھ» دېگەن سۆز «چۈشىنىش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ» . بۇ ھەدىستە «فىقھ» كەلىمىسى «دىنىي ئىلىملەرگە ئالىم بولۇش» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان.
بۇ ئىلىم − ئىلىم – مەرىپەت بۇلغىنىۋاتقان، ئىلمىي ئاتالغۇلاردا ئوخشىماسلىق يۈز بېرىۋاتقان، ئىلمىي يول خەرىتىسىنىڭ يوقىلىۋاتقان، تەپەككۇر ئۇسۇلى قالايمىقانلىشىۋاتقان، ھەممەيلەن داۋالغۇشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان، بۇلارنى تۈزەش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ ھەم ئىقتىساد سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەڭ قابىل ئىلىمدۇر.
بۇ يەردە شۇنى بىلىش كېرەككى، خەرىتە ۋە چىرتىيۇژسىز ھالدا قۇرۇلۇش قىلىمەن دەپ بىر توپ خام ماتېرىيال يىغىۋالغان كىشى بىلەن، توپلانغان خام ماتېرىياللاردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ قانۇنىيىتى ۋە پىرىنسىپلىرىنى بىلىدىغان كىشى ئارىسىدا زور پەرق بار. بىرىنچىسى، يىغقان خام ماتېرىيالدىن ھېچ نەرسە ياسىيالماسلىقى، ئەكسىچە ئۇنى كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن؛ ئىككىنچىسى، ئۇنىڭدىن چىرايلىق، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىمارەت بىنا قىلىشى مۇمكىن