2024-يىل 4-دېكابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ساغلام سىياسىي ھەرىكەت خەرىتىسى

ساغلام سىياسىي ھەرىكەت خەرىتىسى

سىياسىي ھەرىكەتنىڭ سەمىمىيىتى دۇرۇس بولۇش، نىشانى ئېنىق بولۇش، ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ پىرىنسىپال مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلىپ گۇرۇھ شەخسىيەتچىلىكىدىن خالىي بولۇش، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش، كېڭەشنى پەرز ئورنىغا قويۇپ ھەرىكەت قىلىش، سىياسىي ئەخلاقتىن چەتنىمەسلىك، ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي بولغان دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىقنى قوغداش، سىياسىي پىرىنسىپىنى بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىش ۋە پىرىنسىپ ئاساسىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئەخلاقلاردا نامايان بولىدۇ.

ئەگەر سىياسىي ھەرىكەت خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش، ئىجابىي ئىلمىي تەنقىدنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى ھەققىدە ئايلىق ۋە يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە كېڭەشنى ئاساس قىلىش…تەك ئەخلاقىي نۇقتىلارغا رىئايە قىلمىسا، ئارقىغا چېكىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈۋالىدۇ.

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي