2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە يىگىتنىڭ رولى

قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە يىگىتنىڭ رولى

قېيىنئانا يىگىت ۋە كېلىن ئۈچۈن ئانىدۇر، ئانىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىش لازىم.

قېيىنئانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋە يوق يەردىن گەپ تېپىپ ئانا بىلەن ئوغۇل ئارىسىنى بۇزۇپ ئانىغا زۇلۇم قىلىش ھارام بولغاندەك، كېلىنگە زۇلۇم قىلىش، ئۇنى ھۆرمەتلىمەسلىك ياكى خارلاش ھارامدۇر.

قېيىنئانا كېلىننى قىزىم دەپ قارىمىسا، ئۇنى زىيان تارتىدۇ ۋە ئوغلىنىڭ تۇرمۇشىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.

كېلىن قېيىن ئانىسىنى ئانا دەپ قارىمىسا، ئۇنى زىيان تارتىدۇ ۋە ئېرىنىڭ تۇرمۇشىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.

شۇنىڭدەك قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئارىسىدا ئۆي ئىچىدىكى ئىشلاردا بىر بىرىنى تولۇق بويسۇندۇرۇش كۈرىشى يۈز بەرسە، ياكى ھۆرمەتسىزلىك يۈز بەرسە، ياكى بىرى ئۆزىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغان قىلىپ بىچارە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسا، ياكى كېلىن قېيىن ئانىنىڭ توغرا نەسىھەتىنى قوبۇل قىلمىسا، مۇنداق ئائىلىدە باش ئاغرىقى تۈگىمەيدۇ.

ئەگەر ئەر مۇنداق ۋەزىيەتتە پۈتۈنلەي ئانا تەرەپتە تۇرۇۋالسا، ئايالىنى زىيان تارتىدۇ، ئەگەر پۈتۈنلەي ئايالى تەرەپتە تۇرۇۋالسا ئانىسىنى زىيان تارتىدۇ. بۇنىڭ توغرا چارىسى يىگىتنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشىغا باغلىق.

يىگىت ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئايالىنى ھۆرمەتلەشنى تەڭ تۇتۇپ ئېلىپ ماڭالىسا، ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. يەنى يىگىت ئانىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئايالىنى ئانىسىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ئېغىر بېسىق بولۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئايالىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

بۇ نۇقتىدا قېيىنئانىغا ۋە كېلىنگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىچىكلەرگە كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلمىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمىگەن كىشى مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن چەتنىگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىمىز (تىرمىزى بايان قىلغان).

قېيىنئانىغا شۇنى ئەسلىتىمىزكى، ئەي يىگىتنىڭ ئانىسى، ئوغلىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ۋە تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىچارە ئوغلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. سىز ئوغلىڭىزغا ئامراق ئەمەسمۇ؟، ئوغلىڭىزنىڭ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى خالىمامسىز؟ سىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېلىن ئىدىڭىز، سىز كېلىن بولغان زامانىڭىزدا ئېرىڭىز بىلەن قېيىن ئانىڭىزغا قانداق تۇيغۇدا بولغان ئىدىڭىز؟ شۇڭا سىز كېلىنىڭىزگە كەڭ قورساقلىق بىلەن قىزىڭىزدەك مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇنىڭ بەزى كەمچىللىكى بولسا بوپتۇ دەۋىتىڭ .

شۇنىڭدەك، كېلىنگە شۇنى ئەسلىتىمىزكى، كېلىنچەك قېيىنى ئانىڭىز سىز ئۈچۈن نېمەتتۇر، ئەگەر سىز قېيىنئانىغا كەمتەر بولۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز ۋە قېيىنئانىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى بىلسىڭىز، ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز ۋە ئۇ ئۆيدە مەلىكىدەك ياشايسىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزمۇ ئۇزۇنغا قالماي قېيىنئانا بولىسىز، سىز قېيىنئانىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز، سىزنىڭ كېلىنىڭىزمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ ئانىسىنى قاقشىتىشىغا ياكى خاپا سېلىشىغا ياردەم بەرسىڭىز، سىزمۇ ئۇزۇنغا قالماي شۇنداق كۈنگە قالىسىز. سىزنىڭمۇ كېلىنىڭىز ئوغلىڭىزنى سىزدىن تامامەن تارتىپ كەتسە قانداق تۇيغۇدا بولۇپ قالىسىز؟ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي