قېيىنئانىنىڭ رولى
ئەگەر قېيىن ئانا ئەقىللىق ۋە ئىنسابلىق بولسا، ئوغلىنىڭ ياكى قىزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىدا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئوغلىنىڭ ياكى قىزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قىزىغا ياكى كېلىنگە قانداق ئۆي تۇتۇشنى ئۆگىتىدۇ، ئېرىنى قانداق كۈتۈشنى ئۆگىتىدۇ، ئائىلىدە پەيدا بولۇۋاتقان ئوتنىڭ كىچىك ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرىدۇ، كۆڭۈللەرنى تىنچلاندۇرىدۇ، كېلىنگە ئۆز قىزىغا ئوخشاش ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەپسىلاتىغا ئارىلىشىۋالمايدۇ.
ئەگەر قېيىنئانا شەخسىيەتچى ئايال بولسا، ياكى ھازازۇل ئايال بولسا، كېلىنگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ، كېلىنگە قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋېتىدۇ، ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىدۇ، يوق يەردىن گەپ تاپىدۇ.
شۇنىڭدەك قېيىنئانا ئۆزى جاپا تارتىپ چوڭ بولغان بولسا، ئوغلىنىڭ ۋە كېلىنىنىڭ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە چىدىمايدۇ. شۇڭا، ئوغلىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ چوڭ- كىچىك ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ ، كېلىننى ئوغلىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئوغۇل بالا ئەركەك بولسا، ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، قولىدىن كېلىشىچە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، توغرا ئىشلاردا ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا تېرىشىدۇ.
ئەگەر ئوغۇل بالا لىڭتاسما ياكى بوشاڭ بولۇپ قالسا، يا ئانىسىنى رازى قىلالمايدۇ، يا ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلالمايدۇ. ئانىسىنى ھۆرمەتلەپ ياخشى مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئايالىنى قەدىرلەپ ھۆرمەتلەشنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭالمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، قىزنى ۋە يىگىتنى تاللىغاندەك ئائىلىنىمۇ ياخشى تاللاش مۇھىم. بولمىسا، قىز ئۇنداق ئۆيدە راھەت كۆرەلمەيدۇ، كۆڭۈلسىزلىك كۆپ يۈز بېرىدۇ ۋە جېدەل قۇرىمايدۇ.
قېيىنئانا ئوغلىغا كېلىنى ھەققىدە ياخشى بولمىغان خەۋەرلەرنى يۆتكىسە، كېلىن ئېرىگە ياخشى بولمىغان قېيىنئانىسى ھەققىدە خەۋەرلەرنى يۆتكىسە، ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا، ياكى ئەر بىلەن ئانا ئارىسىدا جېدەل- ماجىرا ياكى كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ.
ئانا بىلەن ئوغۇلنىڭ، ياكى ئەر بىلەن ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزىدىغان خەۋەرلەرنى– راست بولسا- يۆتكەش چوڭ گۇناھتۇر، چۈنكى ئۇ سۈخەنچىلىكتۇر ۋە جېدەل ماجىرانىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر يالغان بولۇپ قالسا خەۋەر يۆتكەش ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ سۈخەنچىلىكتۇر ۋە يالغانچىلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي