2025-يىل 14-يانۋار

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەنىۋى كېسەللەرنىڭ خەتىرى ئېغىر

مەنىۋى كېسەللەرنىڭ خەتىرى ئېغىر

قەلب كېسەللىرىنىڭ تەسىرى جىسمانىي كېسەللەردىن خەتەرلىك ۋە ئېغىر بولىدۇ.

جىسمانىي كېسەللەر شەخسنىڭ بەدىنىنى زىيانغا ئۇچراتسا، قەلب ياكى مەنىۋى كېسەللەر شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە تەڭ زىيان سالىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى قەلبنىڭ مەنىۋى كېسەللىرىنى بەلگىلەپ، ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە ئۇ كېسەللەرنىڭ يېيىلىپ جەمئىيەتكە زىيان سېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

مەسىلەن، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك كېسىلى ئىنتايىن خەتەرلىك بىر كېسەل بولۇپ، ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى ۋە دىققەت قىلىشى لازىم. چۈنكى ئۇ كېسەلنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇ شەخسنىڭ دىنىغا، ئەخلاقىغا ۋە ئىستىلىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى باشقىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

دىنىمىز بۇ كېسەلنىڭ دورىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن، مۇسۇلمان ئىسلام كۆرسىتىپ بەرگەن دورىنى ئالسا، بۇ كېسەلدىن چوقۇم ساقىيىدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ دورىسى بىر مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى، ئۆزىگە نېمىنى ياخشى كۆرسە قېرىندىشىغا شۇ نەرسىنى ياخشى كۆرۈشى، سالاملىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، زىيارەت قىلىشىش، كەچۈرۈۋېتىش، ھەدىيە قىلىشىش، ھەسەت قىلماسلىق، ئاداۋەت تۇتماسلىق، قېرىندىشىنىڭ پايدىسىغا دۇئا قىلىش ۋە تىلىنى يامان سۆزلەردىن يىغىش… قاتارلىقلار.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي