ۋەتەن ئېزىز ۋە مۇقەددەس
ۋەتەن ئىنساننىڭ ئىززىتى، ھۆرمىتى ۋە كىملىكىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
ۋەتەن شەرىپىمىز، تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە كىملىكىمىزدۇر.
ۋەتەن پەقەتلا تۇپراق، سۇ، تاغ-دەريا بولۇپ قالماستىن، بەلكى قەلب ۋە روھىمىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
ۋەتەن ئىنسانغا ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ ئامانلىق ۋە مۇقىملىق ئاتا قىلىدىغان كۆيۈمچان قۇچاقتۇر.
ۋەتەن خەرىتىدە قانچىلىك كۆرۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ قەلبتىكى خەرىتىسى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان سۆيگۈدىن ئىبارەتتۇر.
ۋەتەن قىممەتلىكتۇر، چۈنكى ۋەتەنسىز ئىنسان ئاسمىنى يوق قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ… شۇڭا ۋەتەن سۆيگۈسىنى قەلبىمىزدە ھەر زامان كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەن بىزگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتتۇر.
شۇڭا ۋەتىنىنى سۆيەلمىگەن ۋە ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلمىگەن ئىنسان ئۇ ۋەتەندە ياشاشقا ھەقلىق بولمايدۇ، شۇنداقلا ۋەتىنىنى قوغدىمايدىغان ئىنسان ۋەتىنىگە تەۋەمۇ بولالمايدۇ.
ۋەتەن كۈچلۈك ئەقىدە، ھۆرلۈك، ئادالەت، قېرىنداشلىق ۋە سەمىمىي ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە ئىنسانلار ئارقىلىق بەرپا بولۇپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
ئائىلىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانچە ياشاش مۇھىم
زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت مەزلۇم ھەم زالىم مىللەتتۇر
قېرىنداشلىقنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟