پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت بولۇۋاتقان (يەنى تاغلار پارتىلىغان، دېڭىزلار تاشقان…) دىمۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كۆچەت تىكىۋاتقان بولسا، تىكىۋەرسۇن» دېگەن (ئىمام ئەھمەد بايانى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق شارائىت قانداق بولۇپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، جىھاد ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتسىمۇ، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد بولسىمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش، ئىش ھەرىكەت، پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، يېزىقچىلىق، دۆلەت باشقۇرۇش… دېگەندەك ھەرقانداق پايدىلىق ساھەدە ئۈمىدسىزلەنمەستىن ۋە نېمە پايدىسى بار دەپ توختىتىپ قويماستىن ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭدەك ئىشنى ۋەزىيەت ياخشىلانغاندا قىلىمەن، ۋەزىيەت ياخشىلانغاندا ئوقۇيمەن… دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دېمەك، ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن باھانە تاپماي تېرىشىش، سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئىش-ھەرىكەت قىلىش، چىداملىق بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇرۇنۇش مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بالىلار نېمە ئۈچۈن سىرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرىدۇ؟
غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر