ئەركەكلىك ھەققىدىكى بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلەر
ئەركەكلىكنىڭ ھەقىقىتى راسچتىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، ئىرادىلىك بولۇش، پىرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ئاللاھ يولىدا قۇربان بىرىش روھىغا ئىگە بولۇشتۇر.
ئەركەكلىك ھەرخىل ئېزىقتۇرۇشلار ئالدىدا ئالدانماسلىقتۇر، خاپىلىق كەلسە يوقىلىپ كەتمەسلىكتۇر، سىناقلار ئالدىدا بوشىشىپ كەتمەسلىكتۇر.
ئەركەكلىك بەدەن ۋە كۆرۈنۈشكە قارىغاندىن بەكرەك روھ، ئەقىل، ئىرادە، كۆڭۈل ۋە ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتتۇر. بۇ سۈپەت ئەرلەرگىلا خاس ئەمەس، ئاياللاردىمۇ ئەركەكلىك سۈپەتلىرى تېپىلىدۇ.
ئەركەكلىك ھەققىدىكى بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش: بەزىلەر ئۆزىنى مەشھۇر قىلىش ۋە ئىسپاتلاش ئۈچۈن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قارىشىغا زىت يول تۇتىدۇ، قارشى ئېقىم پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇنى ئەركەكلىك دەپ قاراپ قالىدۇ.
2. كۆزقارىشىدا ئورۇنسىز چىڭ تۇرۇۋېلىش: بەزىلەر كۆزقارىشى ئېنىق خاتا بولسىمۇ، چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. چۈنكى بۇلار ئەركەكلىكنى ئەرنىڭ سۆزىدىن يانماسلىقى، مەيدانىدىن ۋاز كەچمەسلىكى ۋە خاتالىقى ئېنىق بولسىمۇ ئالغان قارارىدىغان يانماسلىقى دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، خاتالىقتىن يېنىش ئەركەكلىكتۇر.
3. ھاكاۋۇرلۇق: بەزىلەر ئەركەكلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ، باشقىلارنى ياراتمايدۇ، ئىش دېگەننى مۇنداق قىلىش لازىم دەپ، جار سېلىپ ئۆزىنى بىردىنبىر توغرا ئىش قىلىۋاتقاندەك، باشقىلارنى ئىش قىلمىغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
4. بىشەملىك ۋە لۈكچەكلىك: بەزىلەر ئەركەكلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن قەستەن جېدەل پەيدا قىلىدۇ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئاغزىنى بۇزۇپ مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن چەتنەيدۇ، قېرىنداشلىرىغا نوچىلىق قىلىپ باقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەركەكلىك ئەمەس، بەلكى لۈكچەكلىكتۇر.
5. ئائىلىسىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش: بەزىلەر ئايالىغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئەركەكلىككە زىت كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە ئەر كىشى دېگەن ئايالىغا قارىتا قاتتىق قول ۋە كەسكىن بولۇشى كېرەك، قىلغان سۆزىدىن يانماسلىقى ۋە ئايالىغا مەسلىھەت سېلىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدە ئايالىغا قاتتىق قول بولۇش ۋە خاتالىشىپ قالسا سۆزىدىن يانماسلىق توغرا ئەمەس.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بالىلار نېمە ئۈچۈن سىرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرىدۇ؟
غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر