تېلېفون خۇمارلىقىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلەمسىز؟
بالىڭىزغا ئەقىللىق تېلېفوننى ئويناش ئۈچۈن بەرگىنىڭىزدە كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
1. بالىلار تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا، ئەمەلى دۇنيادىن ئايرىلىپ ئويۇنلار، ھەرخىل فىلىملەر، يېرىم يالىڭاچ رەسىملەر ۋە ئېگىز -پەس ناخشىدىن ئىبارەت خىيالى دۇنيادا ياشايدىغان خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ.
2. ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، گەپ قىلغاندا كېكەچلەپ گەپ تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، تەپەككۇرى يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
3. باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئادەم كۆپ سورۇنلاردىن قاچىدىغان ياۋايى بولۇپ قالىدۇ ۋە ھاياتنىڭ توغرا تەجرىبىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
4. ئەمەلىيەت دۇنياسىدىن يىراقلىشىپ تېلېفوندىكى خىيالى دۇنياغا چۆكۈپ كېتىدىغان بالىلارنىڭ كەلگۈسى خەتەرلىك بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھۇرۇنلۇقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنىش پۇرسىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
5. تېلېفونغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوغۇل- قىز بالىلار نامازنىڭ ۋاقتىغا سەل قارايدىغان ھەتتا بەزىدە ناماز ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تېلېفوندىكى ھەرخىل ئويۇنلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كىتاب ئوقۇغۇسى كەلمەسلىك سەۋەبىدىن دەرسلىرىدە ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا قارىتا ئۆينىڭ ياكى سىرتنىڭ ئىشلىرىدا ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئاتا-ئانىسى ئىشقا بۇيرۇسا بېشى ئاغرىيدىغان ھۇرۇن بولۇپ قالىدۇ….
بۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەردىن، بالىڭىزنى ئەقىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى ئەۋلاد بولسۇن، ئىلغار مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولسۇن دېسىڭىز، بالىڭىزنىڭ تېلېفون ئوينىشىنى ئازايتىڭ، تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇڭ، تېلېفوندا توغرا بولمىغان ئەپلەرنىڭ قاچىلىنىشىغا ياكى قالايمىقان ناخشىلارنىڭ ئاڭلاشقا رۇخسەت قىلماڭ.
بالىڭىز ئوقۇغۇچى بولسا، ئەتىگەن ناماز بامداتتىن تارتىپ ئەسىر نامىزىغىچە تېلېفون قوللىنىشىغا يول قويماڭ، ۋاقتىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ ئىنتىزامغا سالمىسىڭىز ئوقۇش ھاياتىدا ياكى ئىلمىي ھاياتىدا نەتىجە قازىنالمايدۇ.
شۇڭا، بالىلارنى ھەر كۈنى ناماز بامداتقا ۋاقتىدا ئويغىتىش ئارقىلىق بىرىنچى بولۇپ ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان ناماز بامداتنى ئادا قىلىشقا ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىش، ئىككىنچى بولۇپ ئىلمىي ھاياتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ مەكتەپكە تولۇق بېرىشقا ۋە مەكتەپتە ئەخلاققا رىئايە قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، ئۈچىنچى بولۇپ ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى بولغان ئۆينىڭ ھەر تۈرلۈك ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇپ مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش بالىلار تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ نۇقتىلارغا سەل قارالغاندا، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە بالىلار مەسئۇلىيەتسىز، گەپ ئاڭلىماي ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىغان ۋە يارىماس ئەۋلاد بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
جانابى ئاللاھتىن زامانىمىزدىكى ھەربىر ياشلارغا ھىدايەت، ئاڭلىق ئەقىل، گۈزەل ئەخلاق، يۈكسەك ئىلىم- مەرىپەت، ئۇلۇغ غايە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
رامىزاندىكى بالىلار تەربىيەسى
بالىلىرىمىزغا دۇئا يادلىتايلى
رامىزان ئىبادەتكە كۆندۈرۈش پۇرسىتى