دادىڭىزنىڭ قانداق ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
دادا بالىلارنىڭ قەھرىمانى، ئۈلگىسى، ھايات ئۆرنىكى، سەمىمىي مۇئەللىمى، ئەڭ يېقىن دوستى ۋە كەلگۈسىنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بەرگۈچى.
دادىڭىز سىزنىڭ بىرىنچى دوستىڭىز، ۋاپادار ئادىشىڭىز ۋە سەمىمي سىردىشىڭىز.
دادىڭىز سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بەزىدە سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دېمەيدۇ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سىزنىڭ پايدىڭىز ئۈچۈن ھەرقانداق پايدىلىق ئىشنى قىلىدۇ.
دادىڭىز سىزنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئىلغار ۋە ياراملىق بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدىغان بىردىنبىر شەخستۇر.
دادىڭىز سىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان، سىزگە يول كۆرسىتىپ تەربىيەلەيدىغان، سىزگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە سىزگە ھەممە نەرسىنى بېرىپ تۇرىدىغان شەخستۇر. دادىڭىز ياشىنىپ قالغاندا، سىزنىڭ دادىڭىزغا ۋاپادار بولۇپ ھۆرمەت قىلىشىڭىز، بېرىپ تۇرۇشىڭىز ۋە خىزمەت قىلىشىڭىز مەجبۇرىيەتتۇر.
دادىڭىز سىزنىڭ خۇرسەنلىكىڭىز بىلەن خۇرسەن بولىدىغان، سىزنىڭ قايغۇڭىز بىلەن قايغۇرىدىغان شەخستۇر.
دادىڭىز ھەرقانداق ياخشى – يامان شارائىتتا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرىدىغان بىردىنبىر شەخستۇر.
دادىڭىز سىزنى بېقىپ تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈر جاپا چېكىدىغان، چارچايدىغان ۋە ئىشلەيدىغان شەخستۇر.
دادىڭىز سىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغان، سىز ئۈچۈن ئۆزىنى كۆپلىگەن ئىشلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان ۋە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتنى تەقدىم قىلىدىغان شەخستۇر.
دادىڭىز سىزنى ئېغىر خاتالىق سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەن ياكى تەنقىد قىلغان بولسا، يامان كۆرگەنلىكتىن تەنقىد قىلمايدۇ. چۈنكى دادىڭىز سىزنى يامان كۆرمەيدۇ، بەلكى سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياراملىق ئادەم بولۇپ بۇ دۇنيادا ياخشى كۈن كۆرسۇن ۋە توغرا يولدا مېڭىپ ئۇ دۇنيادا دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىپ جەننەتكە كىرسۇن دەپ كۆيۈنۈپ تەنقىد قىلىدۇ.
دادىڭىز سىزنى قاتتىق باشقۇرغان بولسا، سىز دادىڭىزنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ.
دادىڭىز سىزگە يۈكسەك ئىلىم مەرىپەت ئېلىش، ياخشى ئوقۇش ھەققىدە بېسىم قىلغان بولسا، سىزنىڭ ئىلغار ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن بېسىم قىلىدۇ.
دادىڭىز سىزگە ئىقتىسادچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ.
دادىڭىز غەمگە چۆمۈپ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يالغۇز ئولتۇرغان بولسا، سىز ئۈچۈن يىغلىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ.
دادا يىغلىغاندا سىزنىڭ
ئۈزۈلمەسلىكىڭىز ئۈچۈن يىغىسىنى سىزگە كۆرسەتمەي يىغلايدۇ.
دادىڭىز خۇرسەن بولغان بولسا، سىزنىڭ خۇرسەن قىلىدىغان بىرەر ئىشىڭىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دادىڭىزنىڭ بارلىقى ئائىلە ئۈچۈن نېمەت، بەرىكەت ۋە ئىنتىزام.
دادىڭىزنىڭ ئاۋازى ياكى شەپىسى سىز ئۈچۈن ئامانلىق.
دادىڭىز سىزنىڭ بارلىق تەلەپلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىغا ۋە ھەممە چارىلەرنى قىلىپ باقىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ قىلىشىڭىز كېرەك.
دادىڭىز سىز ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىدىغان، لېكىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان شەخس.
بالام، دادىڭىز ھەققىدىكى بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلسىڭىز، دادىڭىزنىڭ قەدرىنى شۇ ۋاقىتتا تونۇپ يېتىسىز، دادىڭىزنىڭ نەسىھەتلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان بولىسىز، دادىڭىز سىزنى بىرەر ئىشتا تەنقىد قىلغان بولسا، سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن تەنقىد قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىسىز.
بالام، دادىڭىزنىڭ قانداق ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟
دادىڭىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سوراپ بېقىشقا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھىممىتىڭىز بارمۇ؟
دادىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئاقلاشقا ئىرادىڭىز بارمۇ؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بەخت ۋە كۆڭۈل راھىتىنىڭ يولى
فىلىم كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا ئىشلار
ئاتا-ئانىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرى