قۇرئان كەرىم قەلب كېسەللىرى، پىكرىي كېسەللەر، ئەخلاقىي كېسەللەر ۋە ئىجتىمائىي كېسەللەرنىڭ… مەنىۋى شىپاسىدۇر.
قۇرئان كەرىم قەلبنى پاكلاش، ئەقىلنى تەپەككۇرغا قىزىقتۇرۇش، پىكرى شۇبھىلەرنى پاكىت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئەخلاقنى ئەقىدىگە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىسلامنىڭ دۇنياقارىشىغا… باغلاش ئارقىلىق داۋالىغان.
ئىنسان قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى كېسەللىرى شۇنچىلىك مىقداردا شىپاغا ئېرىشىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن قانچىلىك يىراقلاشقانسېرى كېسەللىرى شۇنچىلىك كۆپىيىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي