نازۇك قىز بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى
1. ئائىلىدە كۈنلۈكى قىسقىچە يىغىلىش قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىپ تۇرۇشقا سەل قارىماڭ.
2. قىزىڭىز بىلەن پات- پات سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈڭ ۋە كۆڭلىدىكى گەپلەرنى تولۇق ئىپادىلەشكە يول قويۇڭ.
3. قىزىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشى تۇتۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈڭ.
4. قىزىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، يېقىن تۇرۇڭ ۋە كېچىكىدىن تارتىپ ھەممە ئىشلىرىدا سىرلىرىنى سىزگە ئېيتىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.
5. قىزىڭىزنى كۆپ ئەيىبلەشتىن، كۆپ تەنقىد قىلىشتىن ۋە كۆپ بۇيرۇق بېرىشتىن ساقلىنىڭ.
6. يېشىغا يەتكەن قىزىڭىزغا چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ھۆرمەت بىلەن چىرايلىق مۇئامىلە قىلىڭ.
7. قىزىڭىزنى بىر ئىشقا بۇيرۇغاندا چىرايلىق ئۇسۇلدا بۇيرۇڭ.
8. قىزىڭىزنى قىزىقىدىغان كەسىپلىرىدە نەتىجە قازىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن ئىلىملىك بولۇشقا قىزىقتۇرۇڭ.
9. ئائىلىگە تەۋە بەزى ئىشلاردا، ياكى ئۆزىڭىزگە تەۋە بەزى ئىشلاردا قىزىڭىزنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ تۇرۇڭ.
10. قىزىڭىزنىڭ بالاغەت يېشىدىكى ۋاقىتلىق قىسمەن ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە ھاياجان ھالەتلىرىنى ئېغىر ئېلىپ كەتمەڭ.
11. قىزىڭىزنى قاتتىق باشقۇرۇش، بەزى ئىشلاردىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇرۇش سەۋەبلىك سوقۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.
12. قىزىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا سۆھبەت، پىكىرلىشىش، تەقدىرلەش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ.
13. قىزىڭىزنىڭ سوئاللىرىنى تەكرار بولسىمۇ، سەزگۈر تېما بولسىمۇ ئاڭلاشقا تېرىشىڭ ھەمدە ئېھتىياجىغا قارىتا، يېشىغا قارىتا ۋە چۈشەنچىسىگە قارىتا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنۇڭ.
14. قىزىڭىزغا ھەر كۈنى توغرا يولدا مېڭىشقا دۇئا قىلىپ تۇرۇڭ.
15. قىزىڭىزنىڭ بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشىغا، ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان كەرىم ئوقۇشىغا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمنى ھەركۈنى ئوقۇپ تۇرۇش قىزىڭىزنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
رامىزاندىكى بالىلار تەربىيەسى
بالىلىرىمىزغا دۇئا يادلىتايلى
رامىزان ئىبادەتكە كۆندۈرۈش پۇرسىتى