ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا توغرا بولمايدىغان ئىشلار
- ئايالىنىڭ ئېرىگە توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلماسلىقى، ئەرنىڭ ئايالىغا زۇلۇم قىلىشى،
- ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىنى ھاقارەتلىشى ياكى كەمسىتىشى،
- بىر-بىرىنى قەدىرلىمەسلىك ياكى ھۆرمىتىنى قىلماسلىق،
- بىر-بىرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش،
- بىر-بىرىگە كۆپ ۋارقىراش، ياكى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىش،
- بىر-بىرىگە كۆپ ئاچچىقلاش،
- بىر-بىرىدىن كۆپ رەنجىش،
- ئەرنىڭ بېخىللىق قىلىشى،
- ئايالنىڭ ئۆزرىسىز ئەھۋاللاردا ئەرنىڭ كۆڭۈل تەلىپىگە سەل قارىشى،
- بالىلار ئالدىدا جېدەل قىلىش،
- بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك،
- ئەر-ئاياللىق ئائىلە ھاياتىنى مۇقەددەس بىلمەسلىك ۋە بالىلارنى يېتىم قالدۇرۇپ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە زىيان سېلىش،
- كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋېتىش، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن جېدەل قىلىش، بىر-بىرىگە يول قويماسلىق ۋە بىر-بىرىنى تېز سۈرئەتتە ئەپۇ قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشماسلىق … قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
رامىزاندىكى بالىلار تەربىيەسى
بالىلىرىمىزغا دۇئا يادلىتايلى
رامىزان ئىبادەتكە كۆندۈرۈش پۇرسىتى