ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا كۆپ ئاچچىقلىنىش يۈرەككە، مېڭىگە، كۆڭۈلگە، ھېسسىياتقا، تۇيغۇغا، بالىلار تەربىيەسىگە، ئائىلىنىڭ راھىتىگە ۋە ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلغان بولسىلا دەپ كەلگەن ئادەمگە: «ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما» دەپ تەۋسىيە قىلغان (بۇخارى بايان قىلغان). شۇڭا، ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئامال بار ئاچچىقلىنىشتىن ۋە ئاچچىقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ئامال بار ساقلىنىشى لازىم.
ئەر-ئاياللىق ھاياتى ئۆمۈرلۈك ھايات بولغاچقا بەزىدە چۈشىنىشمەسلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، بىرسىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ۋەدە قىلغىنىنى قىلىپ بەرمەسلىك، يالغانچىلىق، رەنجىپ قېلىش، كۆڭلىنى چۈشەنمەسلىك، گۇمانخورلۇق، بالىلارنىڭ خاپا سېلىشى قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تالاش-تارتىشقا يول ئاچىدىغان بەزىبىر قىيىنچىلىقلاردىن خالىي بولمايدۇ.
ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
تالاش-تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
- جېدەللەشمەسلىك: ئۇز چاغدا ئايال كىشى بىلەن گەپ تالىشىشتىن ساقلىنىش، گېپىنى بۆلمەي كۆڭلىدىكى گەپنىڭ ھەممىسىنى دېگىلى قويۇش.
- ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق: گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق كېرەك. چۈنكى ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ؛ كىچىك بالا ئاچچىقلاپ قالسا، كۆيۈنۈش، بېشىنى سىلاپ قۇچاقلاپ قويۇش ۋە ئاددىي نەرسىلەر بىلەن رازى قىلىشقا موھتاج بولىدۇ.
- قەلبكە خىتاب قىلىش: ئايال كىشى قايغۇرغاندا، ئەقلىگە ئەمەس قەلبىگە خىتاب قىلىشقا، گەپ قىلىشقا ئەمەس ئاڭلاپ بېرىشكە، رەنجىتىشكە ئەمەس كۆڭلىنى ئېلىشقا، چېچىلىشقا ئەمەس ئېغىر بېسىق بولۇشقا موھتاج بولىدۇ.
- نازۇك مۇئامىلە قىلىش: ئايالىڭىز ئاچچىقلاپ قالغاندا، تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان سۆزلەردىن، سىلكىشتىن ياكى قول تەگكۈزىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، بېشىنى سىلاپ قۇچاقلاپ قويۇش ئارقىلىق ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە تىرىشىڭ.
- مۇھىتنى ئۆزگەرتىش: گەپ تالىشىش نەتىجىسىدە تالاش-تارتىش ئەۋج ئالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشى كېرەك. ئاچچىقى پەسەيگەنگە قەدەر ئەر كىشى تېخىمۇ ئەزۋەيلەشنىڭ ئورنىغا سىرتقا بىرقانچە سائەت چىقىپ كېتىپ، ئاچچىقى پەسەيگەندىن كېيىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن پاراڭلىشىشى ياخشى.
- تاتلىق سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىش: ئايالىڭىزنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش، «يېنىڭىزدا مەن بار، سىزنى ياخشى كۆرىمەن…» دېگەندەك تاتلىق سۆزلەر ئارقىلىق كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش مۇمكىن.
- چېچىلغاندا سەۋر قىلىش: ئايالىڭىز ھەر تۈرلۈك بېسىم سەۋەبىدىن قاتتىق چېچىلىپ قالغاندا، سىزمۇ تەڭ چېچىلماي، چېچىلىش سەۋەبىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ ھەمدە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ ھەممىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
ئاگاھلاندۇرۇش: ئايالىڭىزغا «سېنى ياقتۇرمايمەن»، «سېنى ياخشى كۆرمەيمەن» ياكى «ئاناڭ مانداق، داداڭ ئانداق»، ياكى «باشقا خوتۇن ئالىمەن»… دېگەندەك ھاقارەتلەيدىغان ۋە كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلى سۇنىدۇ، سىزدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئايرىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا سۆرەپ بارىدۇ.
بىلىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللار
- ئاياللارنىڭ ھالەتلىرى: ئاياللار خۇرسەن بولغاندا گەپ قىلىشتىن توختىمايدۇ، قايغۇرغاندا ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ، ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا سۆزلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.
- خانىملار ئۈچۈن تەۋسىيە: ئاياللارمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلار ئاچچىقلاپ قالغاندا، گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمىنى، نازۇكلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئائىلىنىڭ ھۇزۇرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئامال بار بەك ئاچچىقلاپ كەتمەسلىكى، بىشەملىك قىلماسلىقى، ئەرنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشى، ئېرىگە چوڭچىلىق قىلماسلىقى، تۇرمۇشىنى ۋە بالىۋاقىلىرىنى ئويلىشى، ئاچچىقلاشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى، كىچىك ئىشلارغا ئورۇنسىز چېچىلىپ جېدەل پەيدا قىلىشتىن يىراق بولۇشى ۋە ئاللاھتىن قورقۇشى لازىم.
ئاخىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاچچىقلىنىش شەيتاندىندۇر، سىلەردىن بىرىڭلار ئاچچىقلاپ قالسا، تاھارەت ئېلىۋەتسۇن» دەپ غەزەپلىنىشتىن ئىبارەت شەيتاننىڭ ئوتىنى تاھارەت بىلەن ئۆچۈرسۈن دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىمىز (ئىمام ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
ئاچچىقنى پەسەيتىدىغان ئۇسۇل-چارىلەر:
- شەيتاندىن پاناھ تىلەش،
- تاھارەت ئېلىش،
- چوڭقۇر نەپەس ئېلىش،
- ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرۇۋېلىش، ئولتۇرغان بولسا يېتىۋېلىش،
- بىر ئاز ھەرىكەتلىنىش،
- تاتلىق سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئاڭلاش،
- بىر ئاز يالغۇز قېلىش،
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي