ئائىلە ھاياتىڭىزدىكى سىرلارنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ يۈرمەڭ
ھاياتىڭىزنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى، ئائىلىڭىزنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە سىزگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاشكارىلىماڭ. چۈنكى، سىزنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا «ماشائاللاھ » دەپ بەرىكەت تىلىمەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەر بىلىپ-بىلمەي سىزگە ھەسەت قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، بىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ھەر بىر ئىشنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ يۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ھەر بىر خۇشاللىقنى تاماشىبىنلارغا ئېلان قىلىپ يۈرۈشمۇ توغرا ئەمەس. بەزى نېمەتلەر يوشۇرۇن ھالىتىدە قالسا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، ئائىلە ھاياتىدىكى بەزى گۈزەل مىنۇتلارنى پەقەت ئۆزىمىزگىلا ساقلىۋالغىنىمىزدا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق ھالدا ھاياتىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ، ئائىلىڭىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداڭ، زىكىر ۋە دۇئالارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ. چۈنكى، بەزى ئىشلارنى سىر تۇتۇش ھېكمەتتۇر، مەخپىيەتلىك بىر راھەتتۇر. كۆزلەردىن يىراق بولغان نەرسىلەر ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىككە تېخىمۇ يېقىندۇر.
شۇڭا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ھەممە نەرسىنىلا ئاشكارىلاۋەرمەڭ، چۈنكى سىزگە تىكىلگەن كۆزلەرنىڭ ھەممىسىلا سىزگە ياخشىلىق تىلىمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي