2025-يىل 26-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

بالىنى ئۇرۇشقا بولامدۇ؟

بالىنى ئۇرۇشقا بولامدۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھادتىن باشقا يەردە قولى بىلەن بىرەر بالىنى، ياكى بىرەر ئايال كىشىنى، ياكى بىرەر خىزمەتچىنى ئۇرۇپ باققان ئەمەس. ئۇ كەڭ قورساقلىق، كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىقتا ئۈلگە ئىدى.

ئىسلام دىنى بالىلارنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپ كەلگەن دىن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنى ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە تار دائىرىدە بىرقانچە ساھەدە يولغا قويغان. ھەدىس شەرىپتە بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇتۇشقا بۇيرۇغان، ئۈچ يىل جەريانىدا نامازغا كۆنۈپ بولالمىغان ۋە چىرايلىق نەسىھەت ئاڭلىمىغان بولسا، ئون ياشقا كىرگەندە تەربىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە يەڭگىل ئۇرۇپ قورقۇتۇپ قويۇش ھەققىدە يول كۆرسەتكەن.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش توغرىسىدا : «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇغىلى ئۇنىمىسا ئۇرۇڭلار ۋە ئون ياشقا كىرگەندە قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ياتىدىغان ياتىقىنى ئايرىۋېتىڭلار » دېگەن (ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).

ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى ئېتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق، ئىدىيە… جەھەتتىن تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار بولغانلىقىتىن، بالىلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقنى ئۆگىنىش مەجبۇرىيىتى بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىدە ئاساسلىرى، نامازغا ئوخشاش ئىبادەت ئاساسلىرى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا سەل قارىسا بولمايدۇ.

ئۈچ يىل جەريانىدا نامازغا تەكرار – تەكرار قىزىقتۇرۇش، نامازنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پايدىلىرىنى ئىزاھلاش، ناماز ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە قانائەتلەندۈرۈش، ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى بايان قىلىش، مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ بېرىش، ياخشى بالىلار بىلەن ئاداش قىلىش..قاتارلىق چارىلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، بالىدا يەنىلا سەل قاراش، ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى سەۋەبلىك نامازغا ئادەتلىنىپ بولالمىغان بولسا، ھېچقانداق چىرايلىق چارە ئاقمىغان بولسا، ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن يەڭگىل ئۇرۇشنى يولغا قويغان.

شۇڭا، ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى بالىنى خاتالىق يۈز بېرىپ بولغۇچە دەرھال ئۇرسا توغرا بولمايدۇ. دەسلەپتە بالىلارغا بىرقانچە قېتىم خاتالىقنى كۆرسىتىپ قويۇش، ئاندىن چىرايلىق نەسىھەت قىلىش، خاتالىقنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈش لازىم بولىدۇ، بۇ چارە ئۈنۈم بەرمىسە بىر ئاز قاتتىق گەپ قىلىش، ئۇمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندە، ئاندىن ئەدەپلەش ۋە قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن يەڭگىل شەكىلدە ئۇرۇشقا بولىدۇ.

بىز ئاتا-ئانىلارغا ۋە مۇئەللىملەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە تۇتۇپ بالىنى ئۇرماسلىقىنى، باشقا چارە قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەربىيە ئىشلىرىدا بەزى ئىشلارنى بىر مەزگىل بىلمەسكە سېلىپ تۈزىتىش يىرىش، ئاندىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئىككى خىل ئىش ئارىلىقىدا تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىش، قۇلاقنى سىلىق تارتىپ قويۇش،

ئويۇنغا ئوخشاش بەزى نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىش، چوكىغا ئوجشاش كىچىك تاياق بىلەن قورقۇتۇپ قويۇش… دېگەندەك چارىلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

ئالىملار بالىنى ئۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالسا، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقى ھەققىدە بىر بۆلەك شەرتلەرنى ۋە قائىدىلەرنى بەلگىلىگەن:

1. تەربىيە بېرىش يۈزىسىدىن يەڭگىل ئۇرۇش،

2. ئاچچىغى كېلىپ قالغاندا ئۇرماسلىق،

3. ئۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالماسلىق،

4. قاتتىق ئۇرماسلىق ۋە ئۈچ قېتىمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك،

5. يۈزىگە، يۈرىكىگە ۋە ئەۋرەت ئورۇنلىرىغا ئۇرماسلىق،

6. دوستلىرى ۋە باشقا كىشىلەر بار يەردە ئۇرماسلىق،

7. ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك،

8. ئۇرۇش بىلەن تەڭ يەنە ئەيىبلىمەسلىك، ھاقارەت قىلماسلىق، يۈزىنى تۆكۈۋەتمەسلىك… قاتارلىقلار.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

20.07.2024 – كۈنى