بۇ روھ سىلەرگە نەدىن كەلدى!
غەززىلىك ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك مۇسۇلمانلار نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، تۇرمۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت ئاددىي نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇپ، ئىنتايىن قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى بىر يىلدىن بىرى ھەرتەرەپتىن تاشلىنىۋاتقان ساناقسىز بومبىلار باش ئەگدۈرەلمىدى.
ئاددىي ئىمكانىيەتلىرى بىلەن، كېسەللىرىنى داۋالاپ، قوراللىرىنى ئۆزلىرى ياساپ غەرب دۇنياسىدىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ چەكسىز ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان زىيونىزم مۇستەملىكىسىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تىز پۈكمەستىن داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇلارنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىرىنىڭ ياكى ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرەرسىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ مەكتەپلەردە تەلىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق دۈشمەننىڭ گېنېراللىرىنى باش ئەگدۈرمەكتە.
بىر يىلدىن بىرى يۇرتلىرى بومباردىمان قىلىنىپ، قەتلىئامغا ئۇچراپ، ئۆلۈم خەۋپى بېشىدا كۆرۈنۈپ، ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ، يېمەك- ئىچمەكتىن مەھرۇم بولسىمۇ، ۋايسىمايدىغان، بالىلىرى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولدى دەپ خۇرسەن بولىدىغان، قەھرىمانلىرىنى دۈشمەنگە چېقىپ قويمايدىغان، غەززىدىكى قەتلىئامنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەمەس دۈشمەندىن كۆرىدىغان، ئەۋلادلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق جىھاد ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەر-ئايال ۋە چوڭ – كىچىك قوللايدىغان روھ سىلەرگە نەدىن كەلدى!
غەززىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى پۈتۈن دۇنيانى ھەيرانغا سالماقتا، داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ گېنېراللارنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا، ئەڭ ئىلغار قوراللارغا ۋە ئىستىخبارات تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان دۈشمەننى ۋايجان دېگۈزمەكتە، مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشىدا ئۈمىد بېغىشلىماقتا، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مەھكۇم مىللەتلەرنى قورقۇنچىدىن ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتقۇزماقتا.
بۇلاردىكى قەھرىمانلىق روھى، دۈشمەنگە چوڭ-كىچىك تاقابىل تۇرۇش روھى، ھەقىقەت ۋە پىرىنسىپتا مۇستەھكەم تۇرۇش روھى، قەھرىمان ئەۋلادلىرىنى قوغداش روھى نەدىن كەلدى!
بۇلار 100 مىڭ ئەتراپىدا شېھىت بەردى، مىڭلارچە كىشى ئاتا-ئانىسىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، ئەرلىرىدىن، ئاياللىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، 100 مىڭلارچە كىشى يارىدار بولدى، مىليونلارچە كىشى ئۆي ماكانسىز قالدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلاردىن يېتەكچىلىرى ۋە قەھرىمان ئەۋلادلىرىغا قارىتا ۋايساش، شىكايەت قىلىش، رەنجىش، دەرد تۆكۈش، مۇناپىقلىق قىلىش، چېقىپ قويۇش، ساتقۇنلۇق قىلىش، ھوقۇق تالىشىش، مەنمەنچىلىك قىلىش… ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. چۈنكى بۇلار بۇ يولغا ئىمان كۈچى بىلەن يولغا چىققان، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشنى ۋە ۋەتەننى تاجاۋۇزچىدىن مۇستەقىل قىلىشنى پەرز دەپ چۈشەنگەن، جەڭدە ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلىرىنى قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدىغان شېھىت ۋە جەننەت ئەھلى دەپ ئېتىقاد قىلغان.
ھەي غەززىلىكلەر، سىلەر نېمىدىن يارىتىلغان؟ سىلەر قانداق مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن؟ سىلەر كۈچۈڭلارنى نەدىن ئالىسىلەر؟ مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك، ئادالەت ۋە ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئىرادەڭلار نەدىن كەلدى؟
ھەي غەززىلىكلەر، سىلەر يۇرتۇڭلارنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ كۈچۈڭلارنى ئۇپراتماي، سىرتتىن دۈشمەن ئىزدەپ يۈرمەي پۈتۈن كۈچۈڭلارنى دۈشمىنىڭلارغا قاراتتىڭلار، كۈچ بىلەن تارتىۋىلىنىغان نەرسىگە پەقەتلا كۈچ بىلەنلا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ دېگەن قائىدىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدىڭلار. بۇ خىل توغرا سىياسىي روھنى نەدىن ئالدىڭلار!
سىلەردىكى ئەقىدە روھى، قېرىنداشلىق روھى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، سۆيگۈ- مۇھەببەت روھى، ئۆتۈنۈش روھى، پىداكارلىق روھى نەدىن كەلدى!
سىلەرنى مۇھاسىرە قىلىشقا قاتناشقان، سىلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلغان، سىلەرگە قالپاق كىيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان قوشنا ۋە چېگرىداش بەزى مۇستەبىت ئەرەب ھاكىملىرى بىلەن يەنىلا مۇناسىۋەتنى پۈتۈن ئۈزۈۋەتمەي، ئۇلارنى تىللاپ سېسىتىۋەتمەي، مۇمكىن بولغان دائىرىدە پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتىسىلەر … بۇ سىياسىي ئاڭ-سەۋىيەنى قانداق يېتىلدۈرۈڭلار ؟
ھەي غەززىلىكلەر، مەۋجۇت بولغان دۇنيا تۈزۈمى، ئىنسان ھەقلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بىخەتەرلىك مەجلىسى، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى قوغداش، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش…. قاتارلىق شوئارلارنىڭ يۈزىنى ئېچىپ تاشلىدىڭلار.
***
ئەي غەززىلىكلەر، تەكشۈرۈپ كۆرسەم جەڭدىن ئىلگىرى ۋە جەڭ ئارىسىدىمۇ قۇرئان كەرىم بىلەن مۇناسىۋەتنى چىڭ تۇتۇپ كەپسىلەر. پۇرسەت تاپقان ۋاقتىڭلاردا بۈگۈنكى كۈنلىرىڭلار ئۈچۈن كېتەرلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاشتا ھەسەل ھەرىسى ۋە چۈمۈلىگە ئوخشاش تەييارلىق قىلىپسىلەر. ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە ئاڭ- سەۋىيەنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچەپسىلەر، ئىلمىي جەھەتتىكى تېخنىكا كۈچۈڭلارنى ۋە ھەرقايسى ساھەدە ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپسىلەر. تەييارلىق پۈتۈپ جەڭ باشلانغاندا شىردەك ئېتىلپ چىقىپ توپان ھەرىكىتىنى بىر يىلدىن بىرى تەۋرەنمەي ياكى تەسلىم بولماي داۋام قىلىۋاتىسىلەر.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى سىلەردىن جەڭدىن ئىلگىرى ۋە جەڭ ئارىسىدىمۇ نەچچە مىڭ بالىلارنىڭ قۇرئان كەرىم يادلاپ ھاپىز بولغانلىقى، بىر ۋاقىتتا نەچچە مىڭ ياشلارنىڭ بىر ئولتۇرۇشتا قۇرئان كەرىمنى تاماملاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. پۈتۈن دۇنيا سىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان نەقەدەر ئاشىق ئىكەنلىكىڭلارنى، ئاچلىق، سۇسىزلىق، مەكتەپسىزلىك، جەڭ ۋە بومباردىمانمۇ بۇ ئاشىقىڭلاردىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى كۆردى.
ھەي غەززىلىكلەر، سىلەر چوڭ كىچىك بولۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ «ھاپىزلار قوشۇنى»، «قۇرئان ھىممەت كۈنى» پىلانىغا يۈزلىنىپسىلەر، قۇرئان كەرىم روھىدىن ئىلھام ۋە مەدەت ئاپسىلەر، سىلەرنىڭ تاللانما ئەسكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ھاپىزلار ئىكەن.
پۈتۈن دۇنيا غەززىلىكلەرنى چوڭ-كېچىك، قېرى- ياش، ئەر -ئايال، قىز- يىگىت قۇرئان كەرىم داستىخىنىدىن غىزالانغانلىقىنى، قۇرئاننى ئەمەلىي ھاياتتا تەتبىقلىغانلىقىڭلارنى كۆردى. بۇنىڭدىن سىلەرنىڭ سان، تەييارلىق ۋە قورال ياراقتا ئاجىز تۇرۇپمۇ بىريىلدىن بىرى دۈشمەنگە قارشى باشلانغان جەڭدە تەۋرەنمەي تۇرغانلىقىڭلارنىڭ، ياكى دۈشمەنگە تەسلىم بولمىغانلىقىڭلارنىڭ، دۈشمىنڭلارنىڭ «مەغلۇب بولماس ئارمىيە» دەيدىغان نوپۇزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقىڭلارنىڭ، قولغا كەلتۈرگەن غەلبەڭلارنىڭ… سىرلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى چۈشەندى.
***
ھەي، غەززىلىكلەر، سىلەرنىڭ پەخرىڭلار بولغان ھاماس ھەرىكىتى «پەلەستىن پەقەت جىھاد ئارقىلىق ئازاد بولىدۇ» دەپ قاراپ، قۇرئان كەرىمگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ھاماسنىڭ ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ 10000 كىشىلىك ھاپىزلار قوشۇنىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق.
ئەي غەززىلىكلەر، ھاماس ھەرىكىتىگە ئەزا بولۇش جانلىق ئەقىدە تەربىيەسى ۋە ساغلام شەرئى تەربىيەسى ئېلىش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنى يادلاش، چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
ئەقىدە تەربىيەسى بىلەن بىرلىكتە بەدەنىي ۋە ھەربىي تەربىيەگە قاتنىشىش شەرت ئىكەن.
تەربىيەلەش پىروگراممىسىدا بوشاڭلىق قىلىش ئىشەنچلىك ياكى ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىش پىرىنسىپىگە بويسۇنىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن، ھاماس ھەرىكىتىدە خائىن تېپىلمايدىكەن. چۈنكى خائىن ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغان ئەقىدە تەربىيەسى ۋە چېنىقىش پىروگراممىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
دېمەك، ھاماس ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ قەھرىمانلىقى، قەيسەرلىكى، باتۇرلۇقى، شۇنىڭدەك خەلقىنىڭ قەھرىمان ئەۋلادلىرىنى ھىمايە قىلىشى تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. شۇڭا، ئىلغار ھاپىز قارىملار مۇجاھىدلارنىڭ ئىلغارلىرى بولغان ئىكەن.
غەززە ئاياللىرىمۇ ئۆي ئىشلىرى، ئائىلە تەربىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئەرلىرىگە ماسلىشىپ قۇرئان كەرىم يادلاش ۋە چۈشىنىشتىن مەشغۇل بولۇپ قالمايدىكەن.
غەززىكلەر ئەقىدە ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىدە گەپنى ئاز قىلىپ ئىشنى كۆپ قىلىدىكەن، سەھنە ياكى ئېكران ياكى شۆھرەت ياكى ئۈستۈنلۈك تالاشمايدىكەن.
غەززىلىكلەر تىنچلىق ياكى جەڭ پەيتىدە بولسۇن دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىگە ئوخشىمايدىكەن، چۈنكى ئۇلار زېمىن ئىگىلىرى بولغانلىقى، ھەق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى قان ئىگىسى ئىكەن، ھەرقانداق بىر غەززىلىكنىڭ ئائىلىسىدىكى كىملىك كارتىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قان بەرگەن شېھىت ئىسمى تېپىلىدىكەن.
غەززىلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىسلامىي ھەم مىللىي ھەرىكەت پىرىنسىپىنى تۇتۇپ مېڭىش، ۋەتىنىنى بېسىۋالغان سىيۇنىستلاردىن باشقىنى دۈشمەن تۇتماسلىق ئىكەن، شۇنىڭدەك ئۆزىگە پەرز بولغان جىھادنى تاشلاپ قويۇپ باشقا يەردە جىھاد قىلىمىز دەپ چۆرگۈلەپ يۈرمەسلىك ھەمدە جەڭ مەيدانىنى غەززىنىڭ سىرتىغا يۆتكىمەسلىك ئىكەن.
ھەي غەززىلىكلەر، دۇنيانى ھەيرانغا سېلىۋاتقان قەھرىمانلىق، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھىي، شېھىت بولۇش ئارزۇسى، تەۋرەنمەس روھ، بومباردىمان ئاستىدىنمۇ ۋەتىنىنى تاشلاپ قاچماسلىق روھى، ۋەتەن ئۈچۈن قان، جان، مال تەقدىم قىلىش روھىنىڭ جانلىق تەربىيە پىروگراممىلاردىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق.
غەززە خەلقىدىنمۇ ئاساسەن دېگۈدەك جاسۇس، ئىشپىيون، ساتقۇن، يالاقچى، خەۋەرچى… دېگەندەك مىللەتنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدىغان جەھەننەمگە مەھكۇم مۇناپىقلارنىڭ ئاساسەن چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇرۇن چىققان بولسىمۇ، جەڭ باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى بىر-ىبرلەپ يوقىتىپ يۇغۇشتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۇق.
يۇقىرىقىلارغا قاراپ ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (ۋەدىسىنى) قەتئىي ئۆزگەرتمىدى» (ئەھزاب سۈرىسى، 23 – ئايەت) دېگەن ئايىتىنىڭ كىملەرگە قارىتىلغانلىقىنى چۈشەندۇق.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
07.10.2024 كۈنى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بالىلار نېمە ئۈچۈن سىرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرىدۇ؟
غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر