توغرا يېتەكچىلىك
شەرقىي تۈركىستانلىقلار كىملىك، ھۆرلۈك، قىممەت قاراش، ئادالەت، ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مەقسەت قىلغان كۈرەش مەيدانىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبە قازىنىشى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرالايدىغان ساغلام يېتەكچى ئىدىيەگە ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان قابىلىيەتلىك يېتەكچىلەرگە موھتاج.
شۇنىڭدەك يېتەكچىلەر بىلەن مىللەت ئارىسىدا ساغلام سىياسىي ئىدىيە ئاساسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى تولۇقلايدىغان ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈشكە موھتاج، شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئامالى يوق.
بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەكچىلەر باشقىلاردىن تەلەپ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزلىرى قىلىشى، سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىنى ئېنىق ئىپادىلەپ ھەرىكەت قىلىشى، قېرىنداشلىقتا ۋە پىداكارلىقتا ئۈلگە يارىتىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي