
دىنى چۈشەنچىنى قۇرئان-سۈننەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا يېڭىلاش ھەرىكىتى بىرىنچى دەرىجىلىك جىھاد ھەرىكىتىدۇر، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ھەرىكەت دەل بۇ ھەرىكەتتۇر.
چۈنكى مۇجەددىد ياكى مۇتەپەككۇر ئالىملار يوق بولۇپ كېتىۋاتقان پەرزلەرنى ۋە سۈننەتلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. دىننىڭ روھىنى ۋە مەقسەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ. دىننىڭ جەمئىيەت، سىياسەت، دۆلەت ۋە ئىنسانىيەت بىلەن ئالاقىسىنى دەۋرگە ئۇيغۇن يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك دىنغا سوقۇنۇپ كىرگەن بىدئەتلەر، خۇراپاتلار ۋە ئازغۇن ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرىدۇ.
مۇتەپەككۇر ئالىملار مىللەت ياكى ئۈممەت ئۈچۈن ساغلام ئىدىيە ۋە توغرا چۈشەنچە تەقدىم قىلىدۇ. ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ياكى سولچى پاسسىپلىقنى تەمسىل قىلىدىغان خاتا يولدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.