2025-يىل 26-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

سىز ئانىڭىزنى بىلەمسىز؟

سىز ئانىڭىزنى بىلەمسىز؟

ئانىڭىز سىز ئۈچۈن تۇغۇلغىنىڭىزدا قېنىنى، سۈتىنى ۋە ياشلىرىنى تۆكىدىغان بىردىنبىر كىشىدۇر.

بارلىق كىشىلەر سىزنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئانىڭىز سىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

باشقىلار سىزنى يامان كۆرسىمۇ، ئانىڭىز سىزنى يامان كۆرمەيدۇ.


سىزگە پۈتۈن دۇنيا ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، ئانىڭىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

ئانىڭىز سىزگە ئۆزى يېمەي ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى يېگۈزىدۇ ۋە كىيگۈزىدۇ.

ئانىڭىز كۈندە ئۈچ قېتىم ھېرىپ قالماي ياكى زېرىكىپ قالماي يىمەك- ئىچمەكلىرىڭىزنى تەييارلايدۇ، كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ تۇرىدۇ…

ئانىڭىز سىزنى كىچىك ۋاقتىڭىزدا كېچە كۈندۈز قولىدىن چۈشۈرمەي كۆتۈرۈپ باقىدۇ،

ئۇيقۇسى كېلىپ كەتسىمۇ ئۇخلىماي سىزنى باقىدۇ، يىغلىسىڭىز دەرھال دەردىڭىزگە دەرمان بولىدۇ.

سىز بىر ئاز چوڭ بولۇپ مەكتەپ ياكى ئوقۇشقا ماڭسىڭىز، سىزنى مەكتەپتىن قاچان سالامەت قايتىپ كېلەر دەپ كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.

سىز چوڭ بولۇپ سەپەر قىلسىڭىز ھەسرەت ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
سەپەردىن كەلسىڭىز ئىشىك ئالدىدا سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

سىز سىرتتا بولۇپ قالسىڭىز، سىزنى ساقلاپ ئۇخلىيالمايدۇ.

سىز كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇيقۇسى قاچىدۇ.
سىز غەمكىن بولۇپ قالسىڭىز، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

سىز تەبەسسۇم قىلسىڭىز، ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى ئېچىلىدۇ.
سىز راھەتسىز بولسىڭىز، ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى راھەتسىز بولىدۇ.

سىز خاپا سالسىڭىز ياكى گەپ ئاڭلىمىسىڭىز، ئازابلىنىدۇ.


سىز خاتالىشىپ قالسىڭىز، كەچۈرۈۋېتىدۇ .

سىز كەچۈرۈم سوراشتىن ئىلگىرى بولاپتۇ دېۋىتىدۇ.

سىز تۇغۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە سىزنىڭ بەختىڭىزنى، راھىتىڭىزنى ۋە ياخشىلىقىڭىزنى ئويلايدۇ.

سىزگە نەسىھەت قىلسا، سىزنىڭ پايدىڭىز ئۈچۈن نەسىھەت قىلىدۇ.

سىزنىڭ دىنىڭىزغا، ۋەتىنىڭىزگە، مىللىتىڭىزگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىلىملىك ۋە ئاڭلىق ئادەم بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ.

سىزنىڭ ياخشى ۋە ياراملىق بالا بولۇپ، ئانىڭىزغا بۇ دۇنيادىن كەتكەنگە قەدەر ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ۋە ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مانا بۇ ئانىڭىزنىڭ سىزگە تەقدىم قىلىدىغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى.

ئەمدى كېلەيلى، سىز ئانىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسىز؟
ئانىڭىزغا نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟
ئانىڭىزنى رازى قىلىشقا تېرىشىۋاتامسىز؟
بۇندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىسىز؟
سىزچە تاڭ ئاتقان ھەركۈنى ئانىلار كۈنى بولۇشقا ئەرزىمەمدۇ؟

ئانىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەك ياخشى ئوقۇپ، دىن ۋە ۋەتەن- مىللەتكە ياخشى خىزمەت قىلىشقا ئىرادىڭىز بارمۇ؟

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي