2025-يىل 26-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر

غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر

« ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان، بوينىمىزغا دەسسەپ تۇرۇۋاتقان، بىزنى قاتتىق ئېزىۋاتقان ۋە ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى دۈشمەنلىرىمىز، بىزنىڭ ئەخلاقىي ئاجىزلىقىمىز ۋە چىرىكلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى بىزگە قارشى قوللانماقتا.

ئۇلار بىزدىن ھەرقاچان ۋەتىنىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغان خائىنلارنى ئىزدىسە، يۈزلەپ تاپالىدى. بىزنىڭ سىرلىرىمىزنى چېقىپ قويىدىغان ۋە ئاجىزلىق نۇقتىمىزنى كۆرسىتىپ قويىدىغان ئىشپىيونلارنى ئىزدىسە، يۈزلەپ تاپالىدى.

ئۇلار بىزنى ھەرخىل گۇرۇھلارغا بۆلەلەيدىغان ۋە ئىچكى جېدەل – ماجىراغا سالالايدىغان غالچىلارنى ئىزدىسە مىڭلاپ تاپالىدى.

ئۇلار بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ۋەتىنىنى ساتالايدىغان، دۈشمىنىگە ھەرقاچان سادىق ئىشلىيەلەيدىغان ۋالىي ياكى كادىر سۈپەتلىك ساتقۇنلارنى ئىزدىسە ساناقسىز تاپالىدى.

بۇ كېسەللەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەخلاقىمىزنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە ئىللەتلەرنىڭ پىسخىكىمىزدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان». (مۇھەممەد بەشىر ئىبراھىمى).

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەندىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەن ۋالىيلار، شەھەر باشلىقلىرى، ساقچىلار، كادىرلار، زىيالىيلار، موللىلار، قەلەمكەشلەر، سەنئەتچىلەر، تىجارەتچىلەر، تەرجىمانلار، ئائىلە كومىتېتى، تەشكىلاتچىلار، فىسبۇكچىلار… ئارىسىدىن خىتايغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان، خەۋەر يۆتكەيدىغان، قېرىنداشلىرىنى چېقىپ قويىدىغان، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى بۇزىدىغان، خىتاي مەدەنىيىتىنى داڭلايدىغان، خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان… ساناقسىز زامانىۋى غالچىلارنىڭ ھەرقاچان تېپىلىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلماق قىيىن بولمىسا كېرەك.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي