2025-يىل 27-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى

ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى

1. باشقىلارغا قۇلاق سېلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىڭ:

باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاڭلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى باشقىلارغا قۇلاق بەرگەنلىك ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

2. مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولغان كىشىلەرگە ئىشىنىڭ:

مۇناسىۋەت قۇرماقچى بولغان كىشىلەرگە ئىشەنمەي تۇرۇپ ياكى ئىشەنچ تۇرغۇزماي تۇرۇپ ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزئارا ئىشەنچ يارىتىش مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز باشقىلارغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، ئورۇنسىز گۇماندىن ساقلىنىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئۆزئارا ئىشەنچ بولمىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولمايدۇ.

3. شەخسىيەتچىلىكتىن ساقلىنىڭ

باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسىڭىز شەخسىيەتچىلىكتىن ساقلىنىڭ، بەلكى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش تۇيغۇسىنى يارىتىڭ. چۈنكى شەخسىيەتچىلىك ياكى مەنمەنچىلىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

4. باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن خۇرسەن بولغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ:

باشقىلار بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەپ تۇرۇڭ ۋە خۇرسەن بولغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن ھەسەتخورلۇق ياكى ئىچى يامانلىقتىن ساقلىنىڭ.

5. باشقىلارنى تامامەن خاتاغا چىقىرىۋەتمەڭ:

ئۆزىڭىزلا توغرا ئىش قىلىدىغان، باشقىلار تامامەن خاتا ئىش قىلىدىغان ياكى ئىش قىلمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ. باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسىڭىز ئۇلارغا نەسىھەت قىلغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى دائىم يۈزىگە سېلىپ يۈرمەڭ، چۈنكى پەيغەمبەردىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خاتالىق سادىر قىلىشتىن خالىي ئەمەس. شۇڭا، بىرسى مەسلىھەت سورىسا گۈزەل شەكىلدە مەسلىھەت بېرىڭ، قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ قويۇڭ، لېكىن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى سۆرەپ يۈرمەڭ ياكى دائىم يۈزىگە سېلىپ يۈرمەڭ.

6. باشقىلار سىزگە ئىشىنىپ سىرلىرىنى دەپ بەرگەن بولسا، بەزىبىر ۋاقىتلىق ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىماڭ. چۈنكى ئىنسان سىر ئامانىتىنى ساقلىمايدىغان ئادەمگە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىككىنچى قېتىم ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

7. باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماڭ، ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىي كۆزقاراشلىرىنى ھۆرمەتلەڭ، ھەممە ئىشتا بىلەرمەنلىك قىلماڭ.

8. باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېرىشىڭ، چۈنكى ياخشى مۇئامىلە ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

كاشىغەرىي.