پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە ھەرقانداق ئىشتا ئۈلگىدۇر.
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە ھەرقانداق ئىشتا ئۈلگىدۇر.
پەيغەمبەرىمىز ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، گەپ-سۆزلىرىدە، ئەخلاقىدا، دەۋەت قىلىشتا، مۇپتىلىقىدا، قازىلىقىدا، مۇئەللىملىكىدە، دۆلەت باشقۇرۇشتا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە، تىنچلىقتا ۋە ئۇرۇشتا، ئىستىخباراتچىلقتا، تەشۋىقاتچىلىقتا، پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇشتا، سىياسىي شارائىتقا توغرا مۇئامىلە قىلىشتا، ئىنسانلارنىڭ شارائىتىغا رىئايە قىلىشتا، ئەۋزەللىك ئۇقۇمىغا ئەمەل قىلىشتا، رەھمىدىللىكتە… ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا :«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر» دەيدۇ (ئەھزاب سۈرىسى، 21-ئايەت).
بۇنىڭغا ئاساسەن ئىش ھەرىكەتلىرىدە، گەپ-سۆزلىىرىدە، ھالال- ھارامنى بېكىتىشتە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە، سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا پەيغەمبەرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۈلگە دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغان، پەيغەمبەرنىڭ ھالال- ھارامغا مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ يۇقىرىقى ئايىتىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن كىشىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
قەدىر كېچىسى
ئادەم تىللايدىغان كېسەلدىن قۇتۇلايلى
قەدىر كېچىسى شاپائەت قىلالمايدىغان كىشىلەر كىملەر؟