ئازادلىق يولىنىڭ باشلىنىشى
دۈشمەنلەر زېمىنىمىزنى بېسىۋالغان بولسا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى قەلبىمىزنى، ئىدىيەمىزنى بېسىۋالدى ۋە ئەخلاقىمىزنى ئىگىلىۋالدى.
مىللەتنىڭ كۆپ قىسمى بىردەك ھالدا ئىمانىنى جانلاندۇرۇپ، قەلبىنى پاكلاپ، ئىدىيەسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەخلاقىنى تۈزىتىپ، مۇستەقىللىق روھىنى شەكىللەندۈرۈپ پەرۋەردىگارىغا قايتمىسا ۋە سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئىلمىي ھەرىكەت قىلمىسا، ئاللاھ بۇ مىللەتنىڭ مۇستەملىكىگە چۈشكەن ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، مەھكۇملۇق ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقىگە ياردەم بەرمەيدۇ.
ئىدىيەمىز دۈشمەننىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن بۇلغۇنۇپ، ئەخلاقىمىز بۇزۇلۇپ، ئەقلىمىز ئىمانىي قېرىنداشلىقنى ۋە ھەمكارلىقنى ئىنكار قىلىپ، قەلبىمىز ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ دۇنياغا دۈم چۈشۈش بىلەن بۇلغانغان بولسا، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپتە قىلىدىغان ئىش نەپسىمىزنى پاكلاشقا، ئىدىيىمىزنى تۈزىتىشكە، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئىمانىمىزدا سەمىمىي بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.