
تەشكىلات، جامائەت ۋە تەربىيە ئېڭى
ئىمان، ئىدىيە، قەلبنى پاكلاش، ئەخلاق، تۈزۈم، بىخەتەرلىك نەزەرىيەسى ۋە ھەرىكەت ئېڭى جەھەتتىن چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيە ئاساسلىرىغا ئىگە بولمىغان تەشكىلات ياكى جامائەت قۇرۇلۇشى ئۇزۇنغا قالماي مەنپەئەتپەرەسلەر يامىشىدىغان، مۇناپىقلار پەردىلىنىدىغان، راستچىل كىشىلەر بەدەل تۆلەپ كېتىدىغان، پاكىنەكلەر يوغىناپ كېتىدىغان، بۈيۈك كىشىلەر پاكارلىشىپ كېتىدىغان، مەغرۇر كىشىلەر ئالدىغا چىقىۋالىدىغان ۋە مۇستەبىتلەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان خىيالى قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
گەرچە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى مۇستەھكەم كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ ئەزالىرىدىكى ئەقىدە، ئىمان، ئىدىيە، ئەخلاق ۋە تەربىيەنىڭ تەسىرى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ياكى جامائەتنىڭ بىرلىكى ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى تەربىيەسى ئاجىز بولغان كىشىلەر بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ تامنىڭ قىشلىرى يەنىلا ئاجىزلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئەزالىرىدىكى تەربىيە ئاجىزلىقى جامائەت بىرلىككە ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە دۈشمەننىڭ سوقۇنۇپ كىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي