
زىناغا ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە يېقىنلاشماڭلار
زىنا ئىسلامدا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. زىنانىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى كۆپ بولىدۇ. زىنا رازىلىشىپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر گۇناھتۇر. شۇڭا، ئىسلام دىنى زىنادىن توسقان ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان: «ولا تقربوا الزنا إنه كان فاحشة وساء سبيلاً» ، «زىناغا يېقىنلىشىپ قالماڭلار، ئۇ قەبىھ قىلمىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دەيدۇ (ئىسرا سۈرىسى، 32 – ئايەت) ھەمدە ئۇ جىنايەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازا بەلگىلىگەن.
مۇسۇلمان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ۋە نەپسى خاھىشىگە ئەگىشىپ قالغاندا، ھەقىقىي زىنا(جىنسى زىنا)دىن ساقلانسىمۇ، بەك دىققەت قىلمىغاندا نامەھرەملەرنىڭ ئەۋرەت دەپ قارىلىدىغان ئەزالىرىغا قاراش، ئاياللارنىڭ بىرەر ئەزالىرىنى شەھۋەت بىلەن تۇتۇپ سېلىش، قۇچاقلاپ سېلىش، ياكى سۆيۈپ سېلىش، ئەخلاقسىز گەپلەرنى قىلىپ سېلىش، يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەرنى كۆرۈش، يات ئاياللار بىلەن يالغۇز قېلىش، يات ئاياللار بىلەن ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە ئارىلىشىپ يۈرۈش… قاتارلىق زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ئەخلاقسىز سەۋەبلەردىن ساقلىنىش قىيىنغا توختايدۇ.
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ساقلىغاندىن باشقا ھەرقانداق ئىنساننىڭ خاراكتېرىدە شەھۋەتلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىللىتى بولغانلىقى ئۈچۈن زىنا قىلىش تۇيغۇسى تېپىلىدۇ. كۆزنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان نەرسىلەرگە قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان ئەزالارنى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى ھارام بولىدىغان ئورۇنلارغا بېرىشتۇر. كۆڭۈل ئارزۇ قىلدۇرىدۇ، جىنسى ئەزا قەلبنىڭ ئارزۇسىنى تەستىقلاپ يا زىنا قىلىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ» دېگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىناغا باشلاپ بارىدىغان سەۋەبلەرگە يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ بېشىغا يىڭنىنىڭ سانجىلغىنى، ھالال بولمايدىغان بىر ئايالنىڭ قولىنى ياكى باشقا ئەزاسىنى تۇتۇپ سالغىنىدىن ياخشىدۇر» دېگەن ( تەبرانى ۋە بەيھەقى بايان قىلغان).
دېمەك، ئىسلام قانۇنىدا جىنسى ئەزا ئارقىلىق قىلىنغان زىنا جىنايىتىگە ئېغىر شەرئى جازا «ھەد» كېلىدۇ. بۇ ھەقىقىي زىنا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلار، ياكى زىنانىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاسىتىلىرى، ھارام بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئېغىر شەرئى جازا كەلمەيدۇ. بۇ ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئىسلامدا چەكلىنىدۇ، توسۇلىدۇ، نەسىھەت قىلىنىدۇ، تەۋبە قىلىش ۋە سەدىقە ئېھسان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، گۇناھنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا قازى تەرىپىدىن ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىسلام قانۇنىدا (ئالتە تۈرلۈك) چوڭ گۇناھلارغا ئېغىر جازا بېكىتىلگەن، باشقا گۇناھلارنىڭ جازاسى ھاكىمنىڭ تەقدىرى ۋە ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇلغان. مۇئەييەن جازا بەلگىلەنمىگەن ئىشلارغا ھاكىم، ياكى دۆلەت تەرىپىدىن ئەدەپلەش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ ئىسلام قانۇنىدا «تەئزىر» ئەدەپلەش جازاسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسلامدا زىنا جىنايىتىگە ئېنىق جازا بەلگىلەنگەن، زىنا جىنايىتىنىڭ خەتىرى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن قازىنىڭ تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇلمىغان. زىناخورنىڭ زىنا قىلغانلىقى ئادىل تۆت گۇۋاھچىلارنىڭ ئىبارەت روشەن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانسا، توي قىلمىغان زىناخورغا 100 دەررە ئۇرۇلىدۇ، توي قىلغان بولسا چالما كېسەك قىلىنىدۇ. ئەمما جازا مەھكىمە ياكى دۆلەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىش ھەققى بولمايدۇ.
ئىسلام دىنى زىنا جىنايىتىنىڭ جازاسىنى بېكىتىشتە ئادىل ئەركەك تۆت گۇۋاھچىنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت باشقا جازالارغا ئوخشىمايدىغان ئېغىر شەرتنى قويغان. شۇنىڭدەك بېسىمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ئېتىراپىنى جازا ئىجرا قىلىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان.
زىنا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا جازا يۈرگۈزۈلۈشنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى ھەدىسىدۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتىكى ۋاقىتتا بىر ئادەم كېلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مەن زىنا قىلىپ سالدىم دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالغان، ئۇ ئادەم تۆت قېتىم زىنا قىلغانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنى يېنىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن ساراڭمۇ؟ دەپ سورىغان، ئۇ ئادەم: ياق دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئادەمدىن سەن توي قىلغانمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە: بۇ ئادەمنى باشقا يەرگە ئاپىرىپ چالما كېسەك قىلىڭلار» دېگەن.
شۇنىڭدەك يەنە غامىدىيەلىك بىر ئايال ئۆزلۈكىدىن زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنى پاكلاپ قويسا دەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئىسىت ساڭا، ماڭا ئۆيۈڭگە بېرىپ ئىستىغپار ئېيتقىن ۋە تەۋبە قىلغىن دېگەن. يەنە تەلەپ قىلغاندا، تۇغۇپ كەل دېگەن. تۇغۇپ بولغاندا بالىسىنى ئېمىتىپ كەلسۇن دېگەن… بۇ ۋەقەلىك زىنا مەسىلىسىنى بازارغا سېلىپ ئېلان قىلمىغان ياكى تەشۋىق قىلمىغان بولسا، تەۋبە -ئىستىغپار ئېيتىشقا ۋە مەسىلىنى جەمئىيەتكە يېيىپ يۈرمەي بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتمىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي