كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئەدەپ ئەخلاقلىرى
1. كىشىلەرگە گەپ- سۆز قىلغاندا ئەڭ گۈزەل سۆزلەرنى تاللاپ قىلىش.
2. نىيەتنى ساپ قىلىش ۋە راستچىل بولۇش.
3. ئېنىق بىلمىگەن تېما ھەققىدىكى گەپ سۆزلەرگە ئارىلاشماسلىق.
4. شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىق.
5. تەنە قىلىش، ھاقارەت قىلىش، مەسخىرە قىلىش، تىللاش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ناچار سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش.
6. تالاش تارتىش بولۇپ قالغاندا، تارماق ئىشلارنى قويۇپ، ئورتاق نۇقتىلار ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش.
7. كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىش.
8. يالغانچىلىق، غەيۋەت، سۈخەنچىلىكتىن يىراق تۇرۇش.
9. باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىك ، باشقىلارغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىش.
10. ئاڭلىغان گەپ سۆزنىڭ ھەممىنى دەپ يۈرمەسلىك ۋە گەپ سۆزنى ئېنىقلاپ مۇئامىلە قىلىش.
11. باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي نەرسىلىرى ھەققىدە گەپ كوچىلىماسلىق.
12. باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنى كەمسىتمەسلىك.
13. ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ھەقىقەت ئورنىغا قويۇۋالماسلىق، شەخسىي زەۋقىنى ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارىماسلىق.
14. ئورۇنسىز جېدەل ماجىرادىن يىراق تۇرۇش.
15. گەپ سۆز قىلغاندا ئېھتىياجدىن ئارتۇق يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق .
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
قەدىر كېچىسى
ئادەم تىللايدىغان كېسەلدىن قۇتۇلايلى
قەدىر كېچىسى شاپائەت قىلالمايدىغان كىشىلەر كىملەر؟