
گۇناھ ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
ئىنسان ئاجىز يارىتىلغان بولۇپ، كەمچىللىكتىن خالىي بولالمايدۇ، خاتالىققا چۈشۈپ قېلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. پەيغەمبەرىمىز: «ھەرقانداق ئىنسان بالىسى خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دەيدۇ (تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە بايان قىلغان).
بۇ دۇنيانىڭ سىناق دۇنياسى بولغانلىقى، ئىنساننىڭ كەمچىللىكتىن خالى بولالمىغانلىقى ۋە شەيتاننىڭ پۇرسەت تاپسىلا ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ گۇناھ ۋە خاتالىقلارغا دۇچ كېلىپ قېلىشى دۇنيا ھاياتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلار خاتالىق ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن مەسۇم ئەمەس. ئاللاھ ساقلىغان ئىنسانلاردىن باشقا ھېچكىم گۇناھ ۋە خاتالىقلاردىن سالامەت قالالمايدۇ.
كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ھەرخىل گۇناھ ۋە خاتالىقلارغا دۇچ كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، مۇسۇلمانلار گۇناھ ۋە يامان ئىشلارنىڭ خەتەرلىرى، تەسىرلىرى ۋە زىيانلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم:
- ئىنسان گۇناھ، يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشى ھەمدە گۇناھقا قارىتا توغرا مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن دەسلەپتە گۇناھ ۋە يامان ئىشلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشى ۋە بىلمىسە ئىلىم ئىگىلىرىدىن سورىشى لازىم.
- گۇناھ ۋە يامان ئىشلارنى بىلسە، ئۇ ئىشلاردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە يىراقلىشىپ، يېقىنلىشىپ قالماسلىقى لازىم. گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇناھ ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى گۇناھلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن ساقلىنالىغان ئىنسان چوڭ گۇناھلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنالايدۇ.
- گۇناھ ۋە يامان ئىشنى كىچىك سانىماسلىق لازىم، ئاددىي كۆرمەسلىك كېرەك. چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قەلبىگە كىچىك گۇناھلار ئارقىلىق كىرىدۇ. گۇناھنى كىچىك كۆرسىتىدۇ، گۇناھنى ئاددىي ئىشتەك ھېس قىلدۇرىدۇ، تەسىرىنى ئاددىي كۆرسىتىدۇ. گۇناھنى ئاددىي چاغلىغان ئىنسان تەدرىجىي كىچىك گۇناھلارغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، ئاندىن كىچىك گۇناھلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر گۇناھلارنى كىچىك سانايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان (تەبرانى ۋە بەيھەقى بايان قىلغان).
- گۇناھ ۋە يامان ئىشنى كىچىك بولسىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. گۇناھ مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئەسلىي ئىش ئەمەس، بەلكى تاسادىپىي يۈز بېرىپ قالىدىغان ئىش بولۇشى تەبىئىي. ئەمما مۇسۇلمان گۇناھ ۋە يامان ئىشلارغا قارىتا ۋىجدان ئازابى ھېس قىلمايدىغان، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئازابىدىن قورقمايدىغان،
گۇناھ ئىشلارنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالسا، خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغان بولىدۇ. - ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، ھەرقانداق بىر ئادەمگە دەپ يۈرۈشتىن، ئېلان قىلىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم. گۇناھ ئاشكارا قىلىنمىسا، ئېلان قىلمىسا، بۇ ئاللاھ بىلەن ئۇ گۇناھكار ئادەمنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا كەچۈرۈۋېتىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. بۇ ئىشنى ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
گۇناھنى مەخپىي قىلىپ سالغان مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ھايا تۇيغۇسىنىڭ يوقالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمما گۇناھنى ئاشكارا قىلغان ۋە ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ياكى تارقىتىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ قەلبىدە ھايانىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىنساندا ھايا يوقالسا، ھەرقانداق خاتا ئىشنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. - بىرەر گۇناھ سادىر قىلىپ سالغان مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماي، شەيتاننىڭ يولىغا تېخىمۇ كىرىپ كەتمەي گۇناھىغا تەۋبە قىلىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھنىڭ تەۋبە دەرۋازىسى ھەرزامان ئوچۇق.
- ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق دەرۋازىلىرىنى ئېچىشى، ئىتائەت خاراكتېردىكى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشى، يامان ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىرى بىلەن يېپىشقا تېرىشىش لازىم. چۈنكى ئاللاھ: «ياخشى ئىشلار يامان ئىشلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ» دەيدۇ (ھۇد سۈرىسى، 114- ئايەت).
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «يامان ئىشنى قىلىپ سالغان بولساڭ، ياخشى ئىشنى ئەگەشتۈرۈپ قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، يامان ئىشنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايسەن» دەيدۇ (تىرمىزى بايان قىلغان).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.