شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنسانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەرنى كۆرسىتىدىغان مۇنار ۋە يول خەرىتىسىدۇر.
شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى پىرىنسىپال قېلىپ ۋە ئاساستۇر. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى دۇنيا قاراشتۇر. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلاشنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.
شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ئىزدىنىش ئۈچۈن يول خەرىتىسىنىڭ ئورنىدا بولالايدۇ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىر پۈتۈن شەرىئەتكە چېتىشلىقتۇر، شەرىئەت بولسا ئىسلامنىڭ ھايات تۈزۈمىدۇر.
شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش شەرىئەتنىڭ رەھمەت، ئادالەت، ھۆرلۈك ۋە مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتىدۇ. تۈرلۈك مەيدانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەكىلگە ئەمەس مەقسەتكە، تارماق مەسىلىگە ئەمەس پىرىنسىپال مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشكە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي