2024-يىل 19-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىنسان خاراكتېرىنى قوغداش يوللىرى

ئىنسان خاراكتېرىنى قوغداش يوللىرى

 

1.ئىنسان خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن قوغداش

شەرىئەتنىڭ كۆپلىگەن ئەھكاملىرى ئىنسان خاراكتېرىنى يارىتىلغان ھالىتىدە قوغداشقا بۇيرۇپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىن توسۇپ كەلگەن: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىنى (ياراتقۇچىنى ئېتىراپ قىلىدىغان) توغرا ئېتىقاد ئۈستىدە ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقان خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ» (رۇم سۈرىسى، 30 – ئايەت). بۇ ئايەت ئاللاھ ئىنساندا ياراتقان ساپ خاراكتېرنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

شەرىئەت ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتىن ياكى يارىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشتىن توسىدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ كەلگەن: «شەيتان: ئۇلارنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن» دېگەن (نىسا سۈرىسى، 119 – ئايەت). بۇ ئايەت ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنى يارىتىلىشتىكى ئەسلىي مەقسەتلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ تەبىئىي خاراكتېرگە زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. مەسىلەن، دىنىمىزدا ئەر كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى پىچىۋېتىپ، شەھۋەت خاراكتېرىنى ئۆلتۈرۈشى كەسكىن ھارامدۇر، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەرلەرنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنى يوقىتىپ ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىشتىن توسۇپ: «ئەر كىشى تۇرۇپ ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلار ۋە ئايال كىشى تۇرۇپ ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلارنىڭ قىلمىشلىرى مۇسۇلمانلىققا پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەنىدى (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، جىسمانىي جەھەتتىن، كىيىم – كېچەك جەھەتتىن، ھېسسىيات ۋە مىجەز جەھەتتىن ئوخشىۋېلىشىمۇ چەكلىنىدۇ. ئەرلىك ھالەتتىن ئاياللىق ھالەتكە يۆتكىلىش ئوپېراتسىيەلىرى ۋە ئىنساننى كلونلاش تېخنىكلىرى ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر. ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە جىسمانىي جەھەتتىن تاجاۋۇز قىلىش چەكلەنگەن يەردە، ئىنساننىڭ تەبىئىي پسىخىكىسىغا تاجاۋۇز قىلىشمۇ ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ پسىخىكىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئىنساننىڭ ئاساسلىق قىلىپ روھىي قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە زېمىندا ئىزباسار ۋەكىلى بولۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بۇزۇلسا، ۋەزىپىسى بىر پۈتۈن كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتنى بىلىشكە يېتىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرىگە نەزەر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت پسىخىكا خاراكتېرىنى يارىتىپ بەرگەن، بىراق، بەزى ئىنسانلار غالىب كەلگەن شەھۋەتلىرى ياكى چوڭچىلىق قىلىش ياكى ئاتا – بوۋىلارغا پاكىتسىز ئەگىشىش ئارقىلىق، بۇ قابىلىيەت خاراكتېرىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. مانا بۇمۇ ئىنساننىڭ پسىخىكىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى يوق قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت توسقان ئىشلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ. چۈنكى ھەقىقەتنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش خاراكتېرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش ئىنساننى ئىنسانلىق سۈپىتىدىن ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چىقىرىپ تاشلايدىغان ئازغۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ تەبىئىي پسىخىكىسىغا تاجاۋۇز قىلغۇچىلار توغرىسىدا: «ئۇلارنىڭ تولىسىنى گېپىڭنى ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر» دېگەن (فۇرقان سۈرىسى، 44 – ئايەت). يەنە: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ھەقنى ئاڭلىماي گاس بولۇۋالغان، ھەقنى سۆزلىمەي گاچا بولۇۋالغان، ياخشى – ياماننى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلاردۇر» (ئەنفال سۈرىسى، 22 – ئايەت). بۇ ئايەتلەردە تەپەككۇر قىلىش، پىكىر قىلىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرىنى پەقەت ئىشلەتمىگەن كىشىلەر، خاراكتېرىنى ئۆزگەرتكەن ھېسابلىنىپ ھايۋانغا ئوخشىتىلغان.

شەرئى ھۆكۈملەر ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي خاراكتېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئالماشتۇرۇش ياكى سەتلەشتۈرۈۋېتىش ياكى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىشتىن توسقان. دېمەك، مانا بۇلار ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى قوغداشنىڭ پرىنسىپال خاراكتېرلىك شەرئى مەقسەت ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىلدۇر. چۈنكى بۇ مەقسەت ئىنساننىڭ ئادىمىلىكىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

  1. ئىنسان خاراكتېرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش

ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتقان، ئىنسان خاراكتېرىنى ماددا بىلەن روھ ئارىسىدا تەڭپۇڭ قىلىپ ياراتقان. ماددا بىلەن روھتىن يارىتىلغان ئىنسان خاراكتېرىدە ئەقىل ئامىلى ھېس – تۇيغۇ ۋە ھېسسىيات ئامىلى بىلەن تەڭپۇڭلۇققا ئىگە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەككە ئۇقۇم بىلەن كوللېكتىپ ئۇقۇم تەڭپۇڭلۇققا ئىگە. دېمەك، ئىنساننىڭ خاراكتېرى بىر قانچىلىغان قۇرۇلمىلار ئارىسىدا ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان. بەلكىم ئاللاھنىڭ: «بىز ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق ۋە توپتوغرا شەكىلدە ياراتتۇق» (تىن سۈرىسى، 4 – ئايەت) دېگەن سۆزىدىكى مەقسەت بۇ بولسا كېرەك. ئىنساننىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە كېلىشىملىك يارىتىلغانلىقى ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن تەڭپۇڭلۇقتا نامايان بولىدۇ.

مەسىلەن، ئاللاھ ئىنسان خاراكتېرىنى بايان قىلىپ: «ئىنسان نەپسىنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى – ياماننى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەپسىنى (كۇپرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) بۇلغىغان ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ» (شەمس سۈرىسى، 7 – 10– ئايەتلەر)  دەيدۇ. مانا بۇ ئايەتلەر ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقۋالىق ياكى خاتا يولنى تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە يارىتىلغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە، ئىنسان خاراكتېرى پەقەتلا تەقۋالىقنى كۆزلەپ ماڭىدىغان ياكى پەقەتلا پاسىقلىقنى كۆزلەشكە خاسلاشتۇرۋېتىلگەن كۈچ ئەمەس، بەلكى ئىككى تۈرلۈك تاللاش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇققا ئىگە كۈچ – قۇۋۋەتتۇر.

يەنە ئىنسان خاراكتېرىنى بايان قىلىش سىياقىدا: «ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟» (بەلەد سۈرىسى، 10 – ئايەت) دەيدۇ. ئىككى يولنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن مەقسەت تەقۋالىق ۋە پاسىقلىقتىن ئىبارەت ياخشى ۋە يامان ئىككى يولنى كۆرسەتكەنلىكتۇر.

بۇ ئايەت، تاللاشتا تەڭپۇڭلۇقنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، تەقۋالىقنى تاللىيالىغان ئىنساننىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، تاللاشتا تەقۋالىق تەرىپىدىن تامامەن كۆز يۇمۇپ، بۇزۇق يولنى تاللىغان ئادەمنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە.

رەسۇلۇللاھ ئەبۇدەردا دېگەن ساھابىگە: «نەپسىڭنىڭ (ئۆزۈڭنىڭ) سەندە ھەققى بار، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سەندە ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ سەندە ھەققى بار، مېھمانلىرىڭنىڭ سەندە ھەققى بار، ھەربىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۆز ئىگىسىگە بەرگىن» (بۇخارى رىۋايىتى) دېگەنىدى. بۇ ھەدىس شەرىپ ئىنسان خاراكتېرىدىكى تەڭپۇڭ يوللارنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بىر يول ئاللاھقا باغلايدۇ، يەنە بىر يول ئۆزىگە باغلايدۇ، ئۈچىنچى يول ئائىلىگە باغلايدۇ، تۆتىنچى يول مېھمان بىلەن ئىشارەت قىلىنغان جەمئىيەتكە باغلايدۇ. بۇ يوللار ئىنسانغا تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ھايات بىلەن ماسلىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان پسىخىك قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەدىستىكى «ھەربىر ھەقنى ھەق ئىگىسىگە بەرگىن» دېگەن بۇيرۇق، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ پسىخىك قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداشقا كۆرسەتمىدۇر. بۇ تەڭپۇڭلۇق ئەبۇدەردا دېگەن ساھابىدە تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدى، چۈنكى ئۇ ساھابىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزى، ئائىلىسى ۋە جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەسىرگە ئۇچرىغان. دېمەك، ئىنساننىڭ خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش شەرىئەتتە رىئايە قىلىنىدىغان مەسىلىدۇر.

  1. ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق قوغداش

ئىنسان خاراكتېرىنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان ماددىي ئېھتىياجلىرى بار، شۇنداقلا، قاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدىغان روھىي سېغىنىشلىرىمۇ بار. ئىنسان خاراكتېرىدە يوقىلىپ كەتمەيدىغان كۆڭۈل تۇيغۇلىرى، ھېسسىيات، شەھۋەت (نەپسى خاھىش) ۋە ئىنتىلىشلەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى تەبىئىتىگە قارىتا جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن قېنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ تەلەپلەر ئىنسان خاراكتېرى ئۈچۈن غىزاغا ئوخشاپ كېتىدۇ، غىزا ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە  شۇ ئاساستا رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر بۇ خاراكتېرنىڭ قايسىبىرى ئۆزىگە ئۇيغۇن غىزاسىدىن مەھرۇم بولۇپ قالسا، ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىسا ياكى ئىسراپچىلىق ھالىتى يۈز بەرسە، بەزى خاراكتېرنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ياكى بەزىسىنىڭ كۈچى پۈتۈن يوقاپ كېتىدۇ ياكى بەزىدە تۇراقسىزلىشىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا نۇقسانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نۇقسان ئىنساننىڭ ئىنسانلىق ئۇقۇمىنى كەمسىتىشكە ئېلىپ بېرىپ، زېمىندا ئۆزىگە ئارتىلغان ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنسان خاراكتېرىنىڭ تەبئىي تەلەپلىرىنى يوللۇق تەلەپلەر دەپ سۈپەتلىگەن: «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن – كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى» (ئال ئىمران سۈرىسى، 14 – ئايەت). بۇ ئايەت ئىنسان تەبىئىتىنىڭ جىنسىي تەلىپى، پەرزەنتلىك بولۇش تەلىپى، مال – دۇنيا توپلاش تەلىپىنى تەستىقلىماقتا. بۇ تەلەپلەر ئىنساندا ئەيىبلەنمەيدۇ، بەلكى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان خاراكتېرىدىن ئىبارەت.

قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئىنساننىڭ جىسمانىي تەلەپلىرىنى ياخشى، پاك يېمەكلىكلەر بىلەن قاندۇرۇش ۋە چىرايلىق كىيىنىش تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش توغرىسىدا كۆرسەتمىلەر كەلگەن: «ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان پاك ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار» (بەقەر سۈرىسى، 172 – ئايەت). يەنە: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا چىرايلىق كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ» (ئەئراف سۈرىسى، 31 – ئايەت).

ئىسلام شەرىئىتىدە ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش دۇرۇس ئىش قاتارىدىن ھالقىپ، ساۋاب بېرىلىدىغان بىر ئىشقا ئايلانغان. رەسۇلۇللاھ: «سىلەر ھالال يول ئارقىلىق جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرساڭلار سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ» دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە ھالال نىكاھ قىلىش ئاساسىدا جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى ئەجىرگە ئېرىشكىلى بولىدىغان سەدىقە دەپ بەلگىلىگەن.

ئۇنىڭ ئەكسىچە، شەرىئەت ئىنساننىڭ ماددىي ياكى روھىي تەبئىي خاراكتېرىنى  قايسىبىر گۇمان ئاستىدا بولسۇن ئورۇندىماسلىقتىن چەكلىگەن: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالماڭلار» (مائىدە سۈرىسى، 87 – ئايەت). رەسۇلۇللاھ تۇل ئۆتۈشتىن، ئەرلەرنىڭ ئۆزىلىرىنى پىچىۋېتىشتىن، راھىب بولۇپ ئۆتۈشتىن، ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەبىئىي خاراكتېرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن تەكرار – تەكرار توسقان.

ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە قوشۇلۇشنىڭ مەنىسى ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن قائىدىگە بويسۇنماستىن ياكى چەكلىمىسىزلىك ئىچىدە خالىغىنىنى قىلسۇن دېگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى قائىدە ۋە تۈزۈمگە بويسۇنماسلىق ئىنساندىكى بەزى خاراكتېرگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، جىسىمنىڭ شەھۋەت تەلەپلىرىگە بەك بېرىلىپ كەتسە، روھىي ئاجىزلاپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، ياكى روھىي سېغىنىشلىرىنى قاندۇرىمەن دەپ جىسىمنىڭ سېغىنىشلىرى بىلەن كارى بولمىسا، جىسىمنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، شەرىئەت ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا بۇيرۇپ كەلگەندەك، ئىنسان قۇرۇلمىسىدىكى بۇ تەلەپلەردە داۋالغۇش يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى كۆرسەتكەن.

مەسىلەن، بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادەتلىرىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز كۆرۈپ، جىسمانىي شەھۋەتلىرىنى بوغۇپ، روھىي سېغىنىشلىرىنى قاندۇرۇشتا كۈن بويى ئىبادەت بىلەن بولۇپ كېتىشكە پىلان تۈزۈشكەن. رەسۇلۇللاھ بۇلارنىڭ پىلانىدا ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە قارىتا تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تەڭپۇڭ يول تۇتۇشقا چاقىرغان: «ئاڭلىسام، سىلەر مۇنداق، مۇنداق دەپسىلەر! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاللاھتىن بەك قورقۇدىغان تەقۋا كىشى مانا مەن. مانا مېنىڭ روزا تۇتىدىغان ھەم تۇتمايدىغان كۈنلىرىم بار، كېچىلەردە نەپلە ناماز ئوقۇيمەن ھەم بەدەننىڭ تەلىپى بويىچە ئاراممۇ ئالىمەن، كۆڭۈلنىڭ تەلىپى بويىچە ئاياللار بىلەن بىر تۆشەكتە بولىمەن. بىلىپ قويۇڭلار، كىم مېنىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرىمدىن يۈز ئۆرۈسە، مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇپ ماڭغان بولمايدۇ» دەپ بىر تەرەپلىمە خاراكتېردىن ئاگاھلاندۇرغان (بۇخارى رىۋايىتى).

دېمەك، ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېر تەلەپلىرىنى تەڭپۇقلۇق ئىچىدە قاندۇرۇش شەرىئەتنىڭ ئىنسان خاراكتېرىنى قوغداشتىكى مەقسىتى قاتارىغا كىرىدۇ، شۇنداقلا، ئىنساننىڭ ئادىمىلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت يۇقىرى مەقسەت قاتارىغىمۇ كىرىدۇ. بۇ ساھەدە قايسىبىر تەرەپتىن نۇقسان يۈز بېرىدىكەن، ئىنساننىڭ ئادىمىلىك مەنىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ خاراكتېرى ئىنساننىڭ ئادىمىلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

xeriet mahiyiti