2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى قوغداشتىكى مەقسەتلىرى

شەرىئەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى قوغداشتىكى مەقسەتلىرى

ئاللاھ ئىنساننى ماددا بىلەن ئاقىل روھتىن تەركىپ تاپقان خاراكتېرىدە ياراتقان. ئىنسان مۇشۇنداق يۇقىرى سۈپەتتە يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى تەكلىپ (مەسئۇلىيەت) بىلەن سىنىماقچى بولغان. شۇڭا، ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە ھايات يولىنى سىزىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئىنساننى يارىتىشتىن مەقسەتنىڭ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىن بىلەن ئىبادەت قىلىش كېرەكلىگىنى ئەسكەرتكەن.

ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش غايىسى ئۈچۈن قوش خاراكتېر ھالدا يارىتىلغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئىنسان ھاياتى يا ھەقىقىي ئادىمىيلىك ھاياتنى ئاساس قىلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ياكى ئىنساندىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى بىرىنچى قىلىپ ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى قوغداشنى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان ئۇپۇققا كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن. يەنى ئىنساننىڭ زېمىندىكى ھاياتىدا ئاللاھنىڭ ئىزباسار ۋەكىلى بولۇش ئۇپۇقىغا كۆتۈرىدۇ. ئەگەر بۇ ھاياتتا ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرى ۋە دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلدىن چاتاق چىقسا ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى يوقايدۇ، ئۇ ھاياتقا  ئادىمىيلىك ھايات دېگەن ئۇقۇم بەرگىلى بولمايدۇ.

ئىنساننىڭ تەبىئي خاراكتېرى بۇزۇلسا، ئىنسان ئىنسانلىقىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ، شۇنداقلا، ئىنسان دىندىن بىر پۈتۈن چىقىپ كەتسە، يەنىلا ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار» (ئەنفال سۈرىسى، 24 – ئايەت). بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەقىقىي ئادىمىيلىك ھايات پەقەت دىن ئاساسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇقۇمنى ئاللاھنىڭ دىندىن تامامەن چىقىپ كەتكەن ئادەملەر توغرىسىدىكى: «ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر» دېگەن سۆزى تەكىتلەيدۇ (فۇرقان سۈرىسى، 44 – ئايەت). دېمەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ، شۇ غايىگە قارىتا ئەمەل قىلسا، ئادىمىيلىكى ئاندىن ھاسىل بولىدۇ، كىم ئىبادەتنى تولۇق قىلسا ئادىمىيلىكىنى تولۇقلىغان بولىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ئەقىدە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي ئەھكاملىرىنى تەكشۈرگەن كىشى شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ بېشىدا ئادىمىيلىك ھاياتىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. شۇڭا، شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ بېشىدا دىننى قوغداش ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى ياكى ئادىمىيلىكىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي

xeriet mahiyiti