پايدا- زىيان سېلىشتۇرما چۈشەنچىسى
دەۋەت ياكى ھەرىكەت ياكى سىياسىي ئىشلاردا پايدا مەنپەئەت بىر بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالسا، بۈيۈك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن كېچىك مەنپەئەتلەر قۇربان قىلىنىدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن خۇسۇسىي مەنپەئەتلەر قۇربان قىلىنىدۇ ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەت ئىگىسىگە كەلگەن زىيان ياكى قولدىن كەتكەن مەنپەئەت تۆلەپ بېرىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تاسادىپى ھاسىل بولۇپ قالىدىغان مەنپەئەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ھەقىقىي مەنپەئەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن شەكلى مەنپەئەتلەرگە پەرۋا قىلىنمايدۇ، كەسكىن بولغان مەنپەئەتلەر گۇمانى ۋە خىيالى مەنپەئەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.
مەنپەئەت ۋە زىيانلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىغىلى بولمىسا، ئۇ چاغدا ئىككى زىيانلىق ئىشنىڭ يەڭگىلرەكىنى ۋە ئازراقىنى قوبۇل قىلىش مۇقەررەر مەسىلىدۇر، چۈنكى ئالىملار: زىيانلىق ئىش مۇمكىنقەدەر يوق قىلىنىدۇ، زىيانلىق بىر ئىش ئۆزىگە ئوخشاش بىر زىيانلىق ئىش بىلەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق زىيانلىق بىر ئىش بىلەن يوق قىلىنمايدۇ، يۈكسەك زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن تۆۋەن دەرىجىلىك زىياننى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ئاممىغا كېلىدىغان زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن خۇسۇسىي زىياننى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن قائىدىلەرنى يەكۈنلىگەن.
ئەگەر مەنپەئەت بىلەن زىيان ئارىسىدا زىتلىق كۆرۈلسە ياكى پايدا بىلەن زىيان ئارىلىقىدا توقۇنۇش كۆرۈلسە، ئۇ چاغدا مەنپەئەت ۋە زىياننىڭ ھەجىمىگە، تەسىرىگە ۋە دائىرىسىگە قارىلىدۇ، بۈيۈك مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئازراق زىيان كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتلىق زىيان كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بىر زىياننى يوقىتىش ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىر زىيانغا باشلاپ بارىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ زىيان ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. نورمال ئەھۋاللاردا زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي