
ئىنسانلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىك روزىنىڭ تەقەززاسى
روزا پەقەتلا يەپ ئىچىشتىن توختاش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان شەكلىي ئىبادەت ئەمەس. بەلكى قەلبنى، ئەقىلنى، پىكىرنى، ئەخلاقنى، ئىش-ھەرىكەتنى پاكلايدىغان، قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغان ئىبادەتتۇر.
روزا ئىبادىتى قەلبنى كبىر، ھەسەت، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك، ئىچى يامانلىق، غەيۋەت، ھاقارەت، كەمسىتىش…كە ئوخشاش ھەرخىل گۇناھلاردىن پاكلايدىغان، ناچار ئىللەتلەردىن قۇتۇلىدىغان، ھارام سودا- سېتىقلارنى تاشلايدىغان، ئىنسانلارنىڭ قەرزلىرى ۋە ماددىي -مەنىۋى ھەق ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق تەۋبە قىلىدىغان ئايدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي