
جانابى ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ كېچىلەردە:
ئاتا- ئانىمىزنىڭ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىزنىڭ، ئۇستازلىرىمىزنىڭ،
دوستلىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ،
تونۇش بىلىشلەرنىڭ، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن سەمىمىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ،
مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغاي،
خاتالىقلىرىنى كەچۈرگەي،
ماكانىنى جەننەت قىلغاي،
دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغاي،
قەلبلىرىنى پاكلىغاي،
ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرگەي،
پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا نېسىپ قىلغاي،
ئىمانى ۋە مىللىي قېرىنداشلىق روھىنى كۈچلەندۈرگەي،
كۈچلۈك ئىرادە ۋە ساغلام ئىدىيە ئاتا قىلغاي،
شەيتان ۋە نەپسى خاھىشنىڭ ئارقىغا كىرىپ پىتنە- پاساتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىغاي،
قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەي،
ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەي.
ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا بىلىپ- بىلمەي زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلارغا ھىدايەت، ئەقىل ۋە ئىنساب ئاتا قىلغاي.
بالىلىرىمىزغا ۋە ياشلىرىمىزغا كۈچلۈك ئىمان، ساغلام ئىدىيە، گۈزەل ئەخلاق، بۈيۈك غايە، يۈكسەك ئىلىم مەرىپەت… ئاتا قىلغاي.
مىللىتىمىزگە، ۋەتىنىمىزگە ھۆرلۈك، ئادالەت، ئامانلىق ۋە مۇستەقىللىق ئاتا قىلغاي.
شۇنىڭدەك زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىق ئاستىدا قالغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا چىقىش يولى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغاي…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.