
رامىزان ۋە مۇستەقىللىق روھى
روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئىنسانلارنى ھاياتتىكى رولىنى تولۇق ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىبادەتتۇر.
ئىنسان ئەركىن ئىرادە ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھىممەت قىلسىلا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن رولىنى ئىجرا قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇ نەپسىنىڭ ئىچكى چەكلىمىلىرىدىن ۋە تاشقى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللاردىن ئازاد بىر ئىنسان.
ئىنسان ئاللاھنىڭ بەندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ئازاد بولالايدۇ. ئىنساننى ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان جانابى ئاللاھ ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىگە بويسۇنۇشتىن ياكى تەۋە بولۇپ ياشاشتىن ياكى ئەنسىرەشتىن ياكى قورقۇشتىن ئازاد بولۇشىنى ئىرادە قىلىدۇ. شۇڭا، ھۆرلۈكتىن ئىبارەت قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان ئىنسان سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا كىرىش لاياقىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
دېمەك، ئىنسان قەلبىنى، نەپسىنى، ئىدىيەسىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئازاد قىلىش ئارقىلىق ئاجىزلىشىپ قالماستىن ياكى ئىرادىسى بوشۇشۇپ قالماستىن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە. مۇسۇلمان بۇ ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈن مەيدانلاردا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى لازىم. بولۇپمۇ سىياسىي كۈرەش مەيدانىدا بۇ كۈچىنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرۈشى لازىم. چۈنكى ئىنساننى ھەرتۈرلۈك ئىشكەل ۋە توسالغۇلاردىن ئازاد قىلىدىغان روزا ئىبادىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سىياسىي مەيداندا بۇ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ. روزا تۇتۇش ئىبادىتى مۇسۇلماننى يامانلىققا بۇيرۇيدىغان نەپسىنىڭ شەھۋەتلىرىگە ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنۇشتىن ئازاد قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئىنسان روزا تۇتۇش ئارقىلىق شەھۋەتلىرى، نەپسى خاھىشلىرى، قىزىقىشلىرى ۋە رىغبەتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، روھىي، ئەقلىي ۋە ئىدىيەۋى كۈچىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن شەھۋەتلىرىگە ياكى نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان ھالەتتىن ھېكمەت بىلەن توغرا ئىش قىلىدىغان ھۆر ئۆزى بەگ ھالىتىگە يۆتكىلىدۇ.
شەھۋەتلىرى ۋە نەپسى خاھىشلىرىدىن ئازادلىققا ئېرىشەلىگەن ئىنسان ۋەتىنى، مىللىتى ۋە ئۈممىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا مەيدىسىنى كىرىپ كىرەلەيدۇ.
ئەمما شەھۋەتلىرى ۋە نەپسى خاھىشلىرىدىن قۇتۇلالمىغان ئىنسانلار نەرسە كېرەك ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، ياكى شەخسلەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، لېكىن نىشان- غايە ياكى بىر كۈرەش روھى ئەتراپىدا ئايلىنىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
نەرسە كېرەكنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرىدىغان ياكى شەخسلەرنىڭ ئارقىسىغا سىغىنىدىغان كىشىلەر سىياسىي دەۋا روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، تىرىك مىللەتنى كېسەل مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەسلىدە ئىنسان نەرسە كېرەك ياكى ئىنسان ئەتراپىدا ئەمەس، بەلكى غايە ياكى ئىدىيە ئەتراپىدا ئايلانغان بولسا، مىللەت تىرىلگەن بولاتتى ۋە سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرالايتتى. چۈنكى ئىدىيەنىڭ رولى ئىقتىساد ياكى شەخس ياكى يەنە بىر نەرسىنىڭ رولىدىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
روزا ئىبادىتى بولسۇن ياكى باشقا ئىبادەت بولسۇن، ئىنساننى نەرسە كېرەك ۋە ئىنسانلار ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشتىن ئىدىيە ۋە غايە ئەتراپىدا ئايلىنىشقا چىقىرىدىغان ئىبادەتلەردۇر. ئىدىيەگە قانائەتلەنگەن ئىنسان نەرسە كېرەك ۋە شەخسلەرنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن ئازاد بولۇپ، ئەقىدىسىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە يۈرگۈزىدۇ.
روزا تۇتۇش ئىبادىتىنى مىسالغا ئالىدىغان بولسا، جامائەت ۋە مىللەت خاراكتېرلىك كوللېكتىپ شەكىلدە تەقۋالىق (ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش روھى)نى ئىستراتېگىيەلىك نىشان دەپ بەلگىلەيدۇ. روزىنىڭ بۇ مەركىزى نىشانى مۇسۇلمانلارنى يەككە شەكىلدىكى تەقۋالىق دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ تەقۋا جەمئىيەت، تەقۋا مىللەت ۋە تەقۋا ئۈممەت دائىرىسىگە چىقىرىشنى نىشان قىلىدۇ.
تەقۋالىق دېمەك ئەقىدە، ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۈممەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېمەكتۇر. ۋەتەن ئىپپىتى مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان، مىللەت زۇلۇمدا ئېزىلگەن، ئەقىدە ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، كىملىك ۋە قىممەت قاراشلار چەكلەنگەن بىر ھالەتتە، شەخسى تەقۋالىق روھىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتنى ئازاد قىلىش روھىدىن قېچىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ تەقۋالىقنى دەۋا قىلغىلى بولمايدۇ. روزا تۇتقان بىر مۇسۇلمان ئەقىدىسى، ۋەتەن- مىللىتىگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ تەقۋا بولالمايدۇ.
شۇڭا، ئىبادەت بىلەن ئىبادەتنىڭ سىياسىي كۆرۈنۈشىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىبادەتنى سىياسىي كۈرەش ياكى ئازادلىق روھىدىن ئايرىشقا ئۇرۇنۇش ئىبادەتنىڭ نىشانىنى بۇرۇۋىتىش دېمەكتۇر.
شۇنىڭدەك، شەخسىي تەقۋالىق بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھۆرلۈك، ئادالەت، ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە پاراۋان تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئىسلامدىكى ئىبادەتنىڭ تەقەززاسى ھۆرلۈك، ئادالەت، ئىنساننىڭ ئىززەت شەرىپىنى قوغداش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىگە بويسۇنماسلىق، تاجاۋۇزچى بىلەن بىرلىكسەپ قۇرماسلىقتۇر.
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن جاننى ساقلاش ياكى مەنسەپنى ياكى مال- مۈلۈكنى قوغداش باھانىسى بىلەن مۇستەملىكچىگە ياكى تاجاۋۇزچىغا قارشىلىق بىلدۈرمەي باش ئېگىش قەتئىي ماسلاشمايدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئىبادەت قىلىش ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەرجىمىسى ئەقىدىسى، ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى قارشىلىق بىلدۈرۈش دېمەكتۇر.
دېمەك، مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا چۈشىنىپ ئادا قىلىنغان ئىبادەتلەر بىزنى ئىنسانلارغا قۇل بولۇپ قېلىشتىن، نەرسە كېرەكلەرگە قۇل بولۇپ قېلىشتىن، زۇلۇم ۋە خورلۇقنى قوبۇل قىلىشتىن ئازاد قىلىدۇ. ئازادلىق، ھۆرلۈك، ئادالەت ۋە ئىنسانىي ئىززەت- شەرەپ ئۈچۈن ئىدىيەۋى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، جىھادىي… جەھەتتىن كۈرەش مەيدانىغا قەدەم قويۇشقا چاقىرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي