
كوللېكتىپ تۆھمەت قىلىش كرىزىسى
بىر شەخسنىڭ خاتالىقىنى تەشكىلاتتىكى پۈتۈن ئەزالارغا ئارتىپ ھۇجۇم قىلىش، شۇنىڭدەك دىندار دەپ قارالغان بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى باھانە قىلىپ، مىللەتنىڭ دىنىغا، ئۆلىمالىرىغا، قىممەت قاراشلىرىغا ۋە دىندار ئېقىمغا ھۇجۇم قىلىش، ئۆسەك گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىش خەتەرلىك ئىللەت، ئېغىر زۇلۇم، كوللېكتىپ تۆھمەت، چېكىدىن ئاشقان رادىكاللىق، كوممۇنىست مىجەزلىك ۋە دۈشمەننىڭ پىلانىغا ھەسسە قوشقانلىق.
بىر كىشىنىڭ شەخسىي خاتالىقى سەۋەبىدىن بىر توپ كىشىلەرگە، ياكى بىر تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىغا، ياكى بىر ئېقىمغا كوللېكتىپ تۆھمەت قىلىش كۆرۈنۈشلىرى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقى ۋە ئىدىيەۋى جەھەتتىن خەتەرلىك كېسەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەتەرلىك كېسەل ئىسلامغا، ئەقىلگە، ئەخلاققا، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ۋە ئىنسانپەۋەرلىككە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەيدۇ (زۇمەر سۈرىسى، 7 – ئايەت). يەنى بىر كىشىنىڭ گۇناھىنى ياكى خاتالىقىنى باشقا كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەشكە بولمايدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن كىم شەخسىي خاتالىق ئۆتكۈزسە، مەسئۇلىيەتنى شۇ كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقا كىشىلەر (ئۇ خاتالىققا ياردەملەشمىگەن ياكى قوللىمىغان بولسا) ئۇ سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەيدۇ ياكى جازالانمايدۇ. بىر كىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى جازالانمايدۇ، ئەر كىشى ئايالىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك جازالانمايدۇ، ئايال كىشى ئېرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك جازالانمايدۇ. بىر ئۆلىما شەخسىي شەكىلدە خاتالاشقان بولسا، باشقا ئۆلىمالار ئۇ سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەيدۇ، بىر زىيالىي شەخسىي شەكىلدە خاتالاشقان بولسا، باشقىلار ئۇ سەۋەبلىك تەنقىدلەنمەيدۇ. ھەربىر كىشى شەخسى شەكىلدە قىلغان خاتالىقنىڭ ياكى گۇناھىنىڭ جازاسىنى ئۆزى يالغۇز چېكىدۇ. شۇڭا، خاتالاشقان بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى ياكى گۇناھىنى باشقا كىشىلەرگە ئارتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەش ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئىنسابسىزلىق، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە كوممۇنىست مىجەزلىكتۇر.
بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى دەپ بىر توپ كىشىلەرگە، ياكى تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ھاقارەتلەش، ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش، تۆھمەت قىلىش ۋە ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئەخلاق كىرىزىسى ۋە كوممۇنىست زېھنىيىتىنىڭ تەسىرى.
شۇنىڭدەك بىر كىشىنى ياخشى كۆرمىگەنلىك، ياكى ئۆزئارا يۈز بەرگەن خۇسۇمەت سەۋەبىدىن، ئۇ كىشى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ياكى مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنى قوشۇپ يامان كۆرۈشمۇ ئەخلاقى كېسەللىك ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىق.
چۈنكى، ئاللاھ ھەربىر ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان، ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلغانلىقنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ھەربىر ئىنسانغا شەخسى مەسئۇلىيەت ۋە كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن.
مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ھەربىر ئىنساننى نەپسى خاھىشىنىڭ ئارقىسىغا كىرىشتىن، شەيتانغا ئەگىشىشتىن، ھارام ئىشلارغا يېقىنلىشىشتىن، كىبىرلىك قىلىشتىن، مەنمەنچىلىك قىلىشتىن، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشتىن ۋە ئۆزىنى بىلمەي ھەددىدىن ئېشىشتىن توسقان.
شۇڭا، بىرەر مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتا بولسۇن، باھا بېرىشتە بولسۇن، تەنقىد قىلىشتا بولسۇن ياكى ئەيىبلەشتە بولسۇن ھەددىدىن ئېشىش مۇسۇلمانلىقنىڭ، ئەخلاقنىڭ، ئادەمگەرچىلىكنىڭ، ئادالەتنىڭ دۈشمىنىدۇر ۋە ئەخلاقى ئاپەتتۇر.
بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى باشقا گۇناھسىز كىشىلەرگە يۈكلەپ ھەددىدىن ئېشىش ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم ۋە ئەخلاقسىزلىق. ھەددىدىن ئېشىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىللىتى تېپىلىدىغان مىللەتنىڭ سىياسىي كۈرىشىدە، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە گۈللىنىش، ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، بىرلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە قېرىنداشلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى ھەددىدىن ئېشىشتىن توسقان، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنى ھەقىقەتنىڭ، ئادالەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ ۋە ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى دەپ بېكىتكەن.
ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەددىدىن ئېشىشتىن توسۇپ مۇنداق دەيدۇ: «فَأَمَّا مَن طَغَىٰ وَءَاثَرَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا فَإِنَّ ٱلۡجَحِيمَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ. وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ»، «كىمكى (گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا ھاياتىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن توسقان ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ» (نازىئات سۈرىسى، 37- 41- ئايەتلەر).
ئاللاھ يەنە: «فَأَلۡهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقۡوَىٰهَا، قَدۡ أَفۡلَحَ مَن زَكَّىٰهَا. وَقَدۡ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا»، «ئاللاھ ھەرقانداق ئىنساننىڭ نەپسىگە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئىلھام قىلغان، كىم نەپسىنى پاك قىلىدىكەن ئۇ ئادەم چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ. كىم نەپسىنى (گۇناھ – مەئسىيەت) بىلەن بۇلغايدىكەن ئۇ ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ» دەيدۇ (شەمس سۈرىسى، 7 – 10 – ئايەتلەر).
ئىسلام ھەر بىر ئىنساننى ئۆز ئىشلىرىدىن مەسئۇل قىلغان، مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ياخشى ئىشلاردا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا، يامان ئىشلاردا ھېچكىم بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا بۇيرۇغان: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭلار» (مائىدە سۈرىسى، 2 – ئايەت). مانا بۇ ئايەت ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت قائىدىسىنى بېكىتىدۇ.
دېمەك، ھەربىر ئىنسان مەسئۇل، ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىدىن مەسئۇل بولىدۇ «وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۗ»، «ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» (ئىسرا سۈرىسى، 15 – ئايەت).
ئىنسان شەخسىي ۋە كوللېكتىپ شەكىلدە مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن نەپسىنى پاكلىشى، ھەددىدىن ئاشىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكتىن ساقلىنىشى، غەيۋەت ۋە سۈخەنچىلىكتىن يىراق تۇرۇشى، مەنمەنچىلىك ۋە پۇرسەتپەرەسلىكتىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، بىرسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا (ياردەمچى بولمىسا) ئارتىپ تۆھمەت قىلماسلىقى لازىم.
چۈنكى، بىر تەشكىلاتتىكى ياكى بىر جامائەتتىكى، ياكى بىر مۇئەسسەسەدىكى ئەزالاردىن بىرى ياكى مەسئۇللاردىن بىرى ئىستىلى جەھەتتىن خاتالاشقان بولسا، شۇنىڭدەك تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ ياكى مەسئۇلىنىڭ بىرىنىڭ دۈشمەنگە سېتىلغان خائىن ئىكەنلىكى كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان بولسا، بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى دەپ مىللەتكە، مىللەتنىڭ دىنىغا، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، بىر يۇرتقا، بىر ئېقىمغا، بىر توپ كىشىلەرگە، بىر جامائەتكە، بىر تەشكىلاتقا تۆھمەت قىلىش ئېغىر گۇناھ، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي كېسەل، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە كوممۇنىست مىجەزلىكتۇر.
خاتالىقنى كىم سادىر قىلغان بولسا، باشقىلار ياردەملەشمىگەن بولسىلا، مەسئۇلىيەتنى شۇ كىشى شەخسى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا يۈكلەش توغرا بولمايدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ پىرىنسىپى، مانا بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى، مانا بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تەقەززاسى، مانا بۇ ئادەمگەرچىلىكنىڭ نامايەندىسى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.