ئاللاھنىڭ ياردىمى ئىمان ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغانلارغا مەنسۇپتۇر
ئاللاھ ئىمان ئاساسىدا، سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىدىغان، قېرىداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى تۇتۇپ بىر-بىر- بىرىگە ئىگە چىقىدىغان ۋە هېچقانداق شارائىتتا ئىمانىنىڭ تەقەززاسىدىن ۋاز كەچمىگەن سەمىمىي مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىدۇ.
ئەمما، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرالمايدىغان، شامالغا قاراپ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىدىغان، ئۆزىنىڭ سايىسىدىن قورقۇپ زالىمغا ئىپادە بىلدۈرەلمەيدىغان، ئۆتكۈنچى مەنپەئەت باھانىسى بىلەن ئېتىقاد مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ خۇرسەنلىكىنى ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىكى دەپ بىلەلمەيدىغان، ھەتتا دۇئا قىلىشنىمۇ ئېغىر كۆرىدىغان ياكى «زىيانلىق» دەپ قارايدىغان شەكىلۋاز مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ» دەپ ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ شەرتىنى بايان قىلغان (مۇھەممەد سۈرىسى، 7-ئايەت).
ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىسلامنى ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي ھالدا، قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بويىچە ساغلام چۈشىنىش، ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش، ئىدىيە قۇرۇلمىسىنى ئىسلام ئىدىيەسىگە بويسۇندۇرۇش، شەخسى ۋە ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي