ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇش ۋە ئەراپاتتا تۇرۇشمۇ يۇيالمايدىغان گۇناھلار
(دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسى)
ئەرەپات كۈنىدە، ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى (ھاجىلار) ئەراپاتتا تۇرىدۇ؛ ئەرەپاتنىڭ سىرتىدىكى( يەنى ھەجگە كېلەلمىگەن) مۇسۇلمانلار بولسا گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. ھەدىس شەرىپتە كەلگىنىدەك، بۇ كۈندىكى روزا ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلەركى بىر يىللىق گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئەراپاتتا تۇرغۇچىلارنىڭ، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى سورايمىز.
بىراق، شۇنداق بىر قىسىم گۇناھلار باركى، ئەراپاتتا تۇرۇشمۇ، روزا تۇتۇشمۇ ئۇ گۇناھلارنى يۇيالمايدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
- بىرەر گۇناھسىز مۇسۇلماننىڭ قېنىغا زامىن بولغانلار: يەنى بوينىدا گۇناھسىز بىر كىشىنىڭ قېنى بارلار، بۇ ئىشقا رازى بولغانلار، قاتىلنى ئاقلىغانلار ياكى جىنايەتنى يوشۇرۇش ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغانلار.
- بىرەر مۇسۇلماننىڭ مېلىغا تاجاۋۇز قىلغانلار: ئوغرىلىق، پارىخورلۇق ، غەپلەتتىن پايدىلىنىپ ئالداش، قەرزنى بەرمەي ئۇزۇن سوزۇپ يۈرۈش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش ياكى ئاممىۋى مال-مۈلۈككە سەل قاراش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مېلىنى يەۋالغانلار.
- كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلار: بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزگەنلەر، ئۇنىڭغا ناھەق تۆھمەت چاپلىغانلار، ئۇنى خارلىغانلار ياكى ئۇنىڭغا ئاشكارا زۇلۇم قىلغانلار.
- ئازغۇن پىكىرلەرنى ۋە بۇزۇق ئەقىدىلەرنى تارقاتقڭچىلار: يەنى ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغان ئازغۇن پىكىرلەرنى تارقاتقۇچىلار، ئېنىق بۇزغۇنچى ئەقىدىلەرنى بازارغا سالغۇچىلار ۋە ئۇلارنى تارقىتىشىپ بەرگەنلەر، ئاقلىشىپ بەرگەنلەر، يالغانچىلىق قىلغانلار ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرگەنلەر.
مانا بۇنداق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى، تاكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرمىغۇچە، بۇزغانلىرىنى تۈزەتمىگۈچە، شۇنداقلا يوشۇرغان ۋە بۇرمىلىغان ھەقىقەتلەرنى خەلققە ئاشكارا بايان قىلىپ ئېلان قىلمىغۇچە، ئۇلارنىڭ نە تەۋبىسى، نە ئىستىغپارى قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ تۇتقان روزىسى ۋە كېچىلىك ئىبادەتلىرىمۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيالمايدۇ.
چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بۇ كىتابتا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كىيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ رەھمىتىدىن قوغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بارچە مەۋجۇدات لەنەت ئوقۇيدۇ. پەقەت تەۋبە قىلغان، (ئۆزلىرىنىڭ بۇزغانلىرىنى) تۈزەتكەن ۋە (يوشۇرغانلىرىنى) ئاشكارا بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، چۈنكى، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن، ناھايىتى مېھرىبانمەن» دەيدۇ (سۈرە بەقەرە، 159-160-ئايەتلەر)
بۇ ئايەت گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان، قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى تۈزەتكەن ۋە يوشۇرغان ھەقىقەتلەرنى بايان قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.
دېمەك، يۇقىرىقى سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىش شەرتلىرى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ئەقىللىق كىشى ئۆزىنى قۇرۇق شوئارلار ۋە ئالدامچى تاشقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئالداپ يۈرمەسلىكى كېرەك.