رامىزان تۇتۇشتىكى بۈيۈك نىشان
نىشانسىز ھايات كۆڭۈلدىكىدەك ھايات بولمايدۇ، نىشان ئىنسان ھاياتىغا يول خەرىتىسى، خۇرسەنلىك ۋە ئېنېرگىيە كۈچى قاتىدۇ. ھاياتتا نىشان بەلگىلەش جەڭنىڭ يېرىمى بولسا، قالغان يېرىمى ئاشۇ نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ياشاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئىنسان ئەتىگەن سەھەردىن تارتىپ نىشانىنى قوغلاپ ماڭمىسا، ئۈمىد ئارزۇلىرى ئارقىسىدىن يۈگۈرمىسە، غايە تىكلەش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمىسە ۋە ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشمىسا، ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
رامىزان ئېيى ئىنسانغا نىشان غايە تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلىتىدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى» (بەقەر سۈرىسى، 183 – ئايەت).
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «كىم روزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ۋە ساۋاب تەلەپ قىلىپ ئىخلاس بىلەن روزا تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت بولۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ (بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
روزا تۇتقان كىشىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى گۇناھ ئىشلاردىن روزا تۇتسا، تىلى يالغانچىلىق ۋە يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن روزا تۇتسا، قورسىقى يېمەك-ئىچمەكتىن روزا تۇتسا، قەلبى ھەسەت، ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتتىن روزا تۇتسا، كۆزى مۇنكىر ئىشلارنى ياكى سۈرەتلەرنى كۆرۈشتىن روزا تۇتسا، قۇلىقى غەيۋەت ۋە سۇخەنچىلىككە ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنى ئاڭلاشتىن روزا تۇتسا، ئەۋرىتى زىنا خاراكتېرىدىكى ھارام ئىشلاردىن روزا تۇتالىسا ھەمدە روزىنىڭ مەقسەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنالىسا، ئاندىن ھەقىقىي روزا تۇتقان بولىدۇ.
روزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاياللىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق ھالال نەرسىلەرنى كۈندۈزى تاشلاش بىلەن بىرگە، گۇناھ بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى ھەر دائىم تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دېمەك، روزىنى يېمەك-ئىچمەكتىن تۇتقان كىشى بىلەن تەقۋالىقتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇتقان كىشىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار.
روزىنى يېمەك -ئىچمەكتىن تۇتۇش تەس ئىش ئەمەس، بۇنى كۆپلىگەن كىشىلەر قىلىپ كېتىدۇ، لېكىن پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىشى ھەقىقەتەن تەس ئىش، بۇنى رامىزاننىڭ بۈيۈك مەقسىتى ھېسابلىنىدىغان تەقۋالىقتىن ئىبارەت روھىنى يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلغان كىشىلەردىن باشقىلىرى قىلالمايدۇ.
روزىنىڭ نىشان- مەقسەتلىرىنى ئاڭقىرغان، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، تاراۋى نامىزىنى قولدىن بەرمىگەن، قۇرئان تىلاۋىتىگە سەل قارىمىغان ۋە پۈتۈن ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن كونترول قىلىپ قەلبنى پاكلىغان، ئەخلاقىنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنغان ئىنسان بىلەن روزىنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلمەي تۇتقان ۋە روزا ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ئىنساننىڭ ئارىسىدىكى پەرق چوڭ.
رامىزان ئېيى ھاياتتىكى چوڭ نىشانلار ئۈچۈن چېنىقىش، لاياقەتلىك بولۇش ۋە كۈرەش قىلىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلىدۇ. رامىزاننىڭ بۇ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا ئايلاردا توغرا نىشان ۋە بۈيۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن رامىزان روھى بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەر ۋاقىت ھاياتتىكى نىشان- مەقسەتلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش، نىشانىغا قارىتا ھەرىكەت قىلىش، نىشان مەقسەتلىرىدە خاتالىق بولسا تۈزىتىش ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي