
تارىختىن ئىبرەت ئالمايدىغان مىللەتنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش
ئۆزىنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملۇق ۋە خورلۇق ئۆتمۈشىدىن ئىبرەت ئالمايدىغان، ئىدىيەۋى جەھەتتىن تارىخىي يەكۈن چىقىرىپ يول خەرىتىسى قىلمايدىغان، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمايدىغان مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىدىن پەرقلىق بولمايدۇ.
ھازىر ئۆتمۈشنىڭ نەتىجىسى بولسا، كەلگۈسى ھازىرنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، قىممەت قاراشلىرىنى ۋە تارىخىنى ياخشى بىلمەيدىغان، تارىخىدىن ئىبرەت ئالمايدىغان، تارىخىدىن پىكرىي (ئىدىيەۋى) خاتىرە يەكۈنلىمەيدىغان، بىر تۇتاش ھالدا ئانا ئېقىمنى ئاساس قىلماي پارچە -پارات ھەرخىل ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ بىر-بىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى كوچىلايدىغان، پۈتۈن كۈچىنى دۈشمىنىگە ۋە دۈشمەننىڭ ئىشپىيونلىرىغا ئىشلەتمەي قېرىنداش تەشكىلات/ ئېقىملارغا ئورا كولايدىغان، ھالىغا باقماي ئۆزلىرىنى داھىي چاغلىشىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن بىر-بىرلىرىگە ئاشكارا تەھدىت سالىدىغان… ساپاسىز ۋە شەخسىيەتچى دەۋاگەرلەرگە ھەمدە بۇ يولدا ئالىملىرىغا ئەگەشمىگەنلىك سەۋەبىدىن يولىنى تاپالماي تېڭىرقاپ يۈرگەن مىللەتكە تارىخ رەھىم قىلمايدۇ، يەنە بۇرۇنقىدەك ئوخشاشلا تەكرار – تەكرار يىغلىتىدۇ.
تىراگېدىيەلىك تارىخ مىللەتنىڭ ئاڭسىزلىقى، دۆتلۈكى، ساپاسىزلىقى، كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى، دۈشمەننى دوست بىلىپ يامان كۆرمىگەنلىكى ۋە قارشى تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن يەنە تەكرارلىنىدۇ.
تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تەسىرىدە ئەقىدىسىنىڭ ئۆلۈك ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلمىغان، ئەخلاقىنىڭ چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭقىرىمىغان، ئىدىيەسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا پەرۋا قىلمىغان، كىملىكى ۋە تارىخىنى ئۇنتۇپ قالغان، دوست- دۈشمىنىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان، قېرىنداشلىق ئەقىدىسىنى ۋە ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىنى چۆرۈپ تاشلىغان، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنمەنچىلىك ئەۋج ئالغان، شەكلى دىندارلىق ۋە ياسالما ۋەتەنپەرۋەرلىك سەۋەبىدىن ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغان …بىر مىللەتتە كەڭ دائىرىلىك ئويغىنىش ھەرىكىتى يارىتىش ۋە ساغلام ئىدىيە ئاساسىدا ئىسلاھات ھەرىكىتى شەكىللەندۈرۈپ ئانا ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىنغا توختايدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.