
خەۋەرنىڭ مەنبەسى پاسىق كىشىدىن بولسا، توختاڭ
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرنى ھەر دائىم جەمئىيەتتە نەقىل قىلىنىۋاتقان ياكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقان خەۋەرلەرنى تەكشۈرمەي ۋە ئېنىقلماي تۇرۇپ قوبۇل قىلماسلىققا ۋە باشقىلار ھەققىدە ئېنىق دەلىل بولمىسا يامان گۇمان قىلماسلىققا بۇيرۇماقتا.
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلمەستىن) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەيدۇ (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6 – ئايەت).
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى پاسىقلارنىڭ تارقىتىپ يۈرگەن خەۋەرلىرىنى تەكشۈرۈپ راست يالغانلىقىنى ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى ئۇنى قوبۇل قىلىپ سېلىشتىن، ئىشىنىپ كېتىشتىن ياكى تارقىتىپ سېلىشتىن ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئاللاھنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن پاسىق ئادەمنىڭ ياكى سالاھىيىتىدە شۈبھە بار ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ياكى گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىشەنمەسلىك لازىم.
پاسىق ئادەم، ياكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ئادەم تارقاتقان خەۋەر سەۋەبلىك بىر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىش، بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ياكى خەۋەر تارقاتقان ئادەمنىڭ پاسىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىش گۇناھتۇر. بۇ سەۋەبتىن، پاسىقنىڭ خەۋىرىگە ئىشىنىش ياكى نەقىل قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى خەۋەرنى نەقىل قىلىش ئامانەت، پاسىقنىڭ پاسىقلىقى خەۋەرنى نەقىل قىلىشنى رەت قىلىدىغان ئالامەت.
دۈشمەننىڭ ئويۇنلىرى كۆپىيىپ كەتكەن ھەمدە تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بۇ زاماندا مۇسۇلماننىڭ سەزگۈر بولۇشى، ئويغاق بولۇشى، ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن يالغان خەۋەر ياكى تۆھمەت خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنىڭ باشقىلار ھەققىدە تارقىلىپ يۈرۈشىگە رازى بولماسلىقى، خەۋەرنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋىتىنى ئويلىشى ھەمدە پاسىقلارنىڭ خەۋىرىگە ئالدىنىپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىپ پىتنە پاساتقا سەۋەب بولماسلىقى ياكى قېرىنداشلىرىغا ئازار بەرمەسلىكى لازىم.
بۇ سەۋەبتىن، مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، ياكى ئىشەنچلىك بولمىغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن خەۋەرلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكى، پاسىق سۈپەتلىك ئادەملەرنىڭ خەۋىرىنى ئىشەنچلىك مەنبەدىن تەكشۈرمەي تۇرۇپ ئىشەنمەسلىكى ئىمانى جەھەتتىن مەجبۇرىيەت بولسا، ئەخلاقىۋە سىياسىي جەھەتتىن جەھەتتىن مەسئۇلىيەت. چۈنكى پاسىق ئادەمنىڭ خەۋەرلىرى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە، بوھتان چاپلاشقا، قېرىنداشلىقنى بۇزۇشقا، جەمئىيەتتە پىتنە پاسات تارقىتىپ قالايمىقانلىق پەيدا قىلىشقا، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىپ ھەمكارلىقنى بۇزۇشقا، يالغان خەۋەر تارقىتىپ بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە… سەۋەب بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.