
سالام بېرىش ئىسلامنىڭ شوئارى ۋە ئىناقلىقنىڭ سىمۋولى
ئىنسانىيەتنىڭ رەھمەت پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەر مۆمىن بولمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايسىلەر. جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋە مۆمىن بولۇشنىڭ يولى ئۆزئارا سالام بېرىشنى ئاشكارا قىلىشتىن باشلىنىدۇ» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبەرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىكى سالامنى ئاشكارا قىلىشتىن مەقسەت: ئىمانى قېرىنداشلىق بۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا قەدەم بېسىش، سالام بېرىش ئارقىلىق بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلاش، دوستلۇق ۋە سۆيگۈ روھىنى قانات يايدۇرۇش، بىر-بىرىنى ھۆرمىتىنى قىلىش، ئارىنى ئىسلاھ قىلىش، قەلب- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئەپۇچان بولۇش، ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، ياردەم قولىنى سۇنۇش… قاتارلىق گۈزەل سۈپەتلەرگە تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.