يەر تەۋرەش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
كائىناتتا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۈز بېرىدىغان يەر تەۋرەش ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئالامىتىدۇر ۋە ئەسكىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ بۇ ئەسكەرلىرىنى ئۆزى قانداق خالىسا ۋە قاچان خالىسا شۇ شەكىلدە ئىشلىتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ ئارقىلىق مۇسۇلمان بەندىلىرىنى سىنايدۇ، بەزىلىرىگە ئۇ ئارقىلىق ياردەم قىلىدۇ، بەزى ئىنسانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى جازالايدۇ.
يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى ساماۋى ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش سائىتىنى ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىش غەيبىي ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىلمىي سەۋىيەسى يەتمەيدۇ.
شۇڭا، مۇنداق شارائىتلاردا ئەقىدە نۇقتىسىدىن ئەجەلنىڭ ۋە رىزىقنىڭ تەقدىر قىلىنىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىش، سىناقنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ قول كۆتۈرۈش، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىش، ئۆلۈمنىڭ ھەرزامان يېقىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تەقدىر قىلغان مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىش، يەر تەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ساغلام ئەقىدىلىك بولسا شېھىت بولىدىغانلىقىنى بىلىش، ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ھەرقانداق ئىشنى سەۋەب نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە جايىدا قىلىشقا تېرىشىش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ ۋە قەلبكە ئامانلىق ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي