
گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، كىمگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىققا قاراڭ
گۇناھنى ئاددىي چاغلاش، گۇناھ ۋە يامان ئىشلارنى ئاددىي ئىش دەپ قاراش مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتىدۇر ھەمدە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.
گۇناھنى كېچىك ياكى ئاددىي ئىش دەپ قاراش كۆڭۈلنى گۇناھقا كۆندۈرۈپ قويىدۇ، گۇناھ قىلىشنى كېچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ، گۇناھ قىلىشنى نورمال ئىشتەك كۆرسىتىدۇ، كېيىنچە تەۋبە قىلىۋېلىش ئارزۇسى بىلەن ئالداپ قويىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ قەلبنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئېلىپ بارىدۇ. قەلبتىن گۇناھنى يامان كۆرمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى گۇناھنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا، گۇناھ مەسىلىدە «گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماسلىق، بەلكى كىمگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىققا قاراش لازىم».
ئىنسان بەزىدە گۇناھنى- چوڭ گۇناھ دەپ سۈپەتلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن- كېچىك گۇناھ ۋە ئاددىي ئىش دەپ چاغلاپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، سۆز- چۆچەك… قىلىپ باشقىلار ھەققىدە يامان گەپ قىلىپ قالىدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە يالغان گەپ قىلىپ سالىدۇ…
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گۇناھلارنى ۋە يامان ئىشلارنى كېچىك كۆرۈشتىن ۋە ئاددىي ساناشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر كېچىك گۇناھلارنى ئاددىي سانىماڭلار، كېچىك گۇناھلار توپلانغاندا ئادەمنى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ. سىلەر ئاددىي سانىغان گۇناھلارنىڭ مىسالى جاڭگالدا دەم ئالغان بىر كارۋانغا ئوخشايدۇ، كارۋاننىڭ بىرى بىر تال تاياق تىيىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى بىر تال ئوتۇن تىيىپ كېلىدۇ. بىر تالدىن يىغىلغان ئوتۇنلارنى توپلاپ ئوت يېقىپ تامىقىنى پىشۇرىدۇ. كېچىك گۇناھلار سەل قارالغاندا، ئىنساننى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ» (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
گۇناھلار ئىمانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەخلاققا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەزى گۇناھلارغا سەل قاراپ قىلىۋېرىش ئىگىسىنى ھالاكەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى كېچىك گۇناھلارغا سەل قاراپ قىلىۋەرگەندە، چوڭ گۇناھلارنى قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدۇ.
دېمەك، كېچىك گۇناھلار توپلانغاندا، كېچىك گۇناھلارنى ئاددىي ساناپ قىلىۋەرگەندە، ئازغۇنلۇق ۋە ئېنىق خاتا يولىغا كىرىپ كېتىش ئاسانلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇىغان ھالەت يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ بەزى گۇناھلارنى كېچىك كۆرۈش ۋە سەل قاراشنىڭ نەتىجىسى.
كېچىك گۇناھلارنى چوڭ قىلىۋېتىدىغان سەۋەبلەر
- بەزى گۇناھلارغا سەل قاراش، كېچىك ساناش ۋە داۋاملاشتۇرۇش:
گۇناھقا سەل قاراشقا ۋە كېچىك كۆرۈپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرى، ئۇ گۇناھنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغىمايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتۇر.
ئەسلىدە، ئىنسان گۇناھنى قانچە چوڭ كۆرسە، ئۇ گۇناھ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كىچىكلەيدۇ، ئىنسان گۇناھقا سەل قارىغانسېرى ۋە قانچە كېچىك كۆرگەنسېرى ئۇ گۇناھ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭىيىدۇ.
2. گۇناھ قىلىپ ھۇزۇر ھېس قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ياپقانلىقىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالماسلىق:
بەزى كېچىك گۇناھلار ئىنساننى سەل قاراپ قىلىپ سالىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نەتىجىدە قەلبنى گۇناھتىن ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپقانلىقىنى ھېس قىلمايدىغان، ئاندىن چوڭ گۇناھقا چۈشۈپ قالىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
3. گۇناھنى ئاشكارا قىلىش:
گۇناھنى ئاشكارا قىلىش ئاللاھنىڭ، پەيغەمبەرنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ ھەققىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ۋە ئاشكارا پاسىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كېچىك گۇناھنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
پەيغەمبەرىمىز :«ئاشكارا گۇناھ قىلغانلاردىن باشقىلار مەغپىرەتكە ئېرىشىدۇ» دەيدۇ (بۇخارى بايان قىلغان). بەزى گۇناھلارنى كېچىك ساناش ۋە سەل قاراش گۇناھنى تەدرىجىي ئاشكارا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ جازالىشىغا لايىق قىلىپ قويىدۇ.
گۇناھلارنىڭ تەسىرى
- تۇرمۇشىدا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە بەرىكىتىدىن مەھرۇم قېلىش،
- قەلبنىڭ ئۆلۈشى، داتلىشىپ كېتىشى ۋە كىرلىشىپ كېتىشى،
- قەلبنىڭ ياتسىرىشى، غەمكىن بولۇشى ۋە راھەت ھېس قىلالماسلىقى،
- گۇناھ سەۋەبلىك بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا خار بولۇپ قېلىشى،
- ئاللاھقا توغرا ئىبادەت قىلىشتىن ۋە ئىتائەت ئىشلىرىنى قىلىشتىن مەھرۇم قېلىشى،
- قەلبنىڭ ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىش،
- نېمەتنىڭ قولدىن كېتىشى ۋە بەختتىن مەھرۇم قېلىش،
- ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە يامان ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى،
- مىللەتنىڭ خورلۇق ۋە ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولۇشى،
- دۇنيادا جازاغا، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىش… قاتارلىقلار.
دېمەك، گۇناھنى كېچىك ساناش ۋە ئاددىي كۆرۈش نەتىجىسىدە دۇنيادا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ۋە بەرىكىتىدىن مەھرۇم بولۇشقا، گۇناھنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا، قەبرە ئازابىغا دۇچار بولۇشقا ۋە ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچراشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.